خەلقئارا لىنىيە خەۋىرى : 12-يانۋار، يەمەننىڭ پايتەختى سەنئادا يەمەن خەلقى پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ شوئار توۋلاشقىنىچە نامايىش ئۆتكۈزۈپ ، يەمەن زۇڭتۇڭى سالىھنىڭ نەچچە يۈز نەپەر يەمەن نامايىشچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە سوت ئېچىشنى تەلەپ قىلدى . ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئەلچىسى ئۆمەر يەمەندە نەچچە كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىكەن ، شۇنداقلا ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدىكەن .