ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

رۇسىيەنىڭ ئاۋىياماتكىسى سۇرىيە پورتىغا يېتىپ كەلدى

2012-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
    يېڭى يىل كىرىپ نەچچە كۈن بولمايلا ، سۇرىيە خەلقىنىڭ كۈتۈۋالغىنى خاتىرجەملىك ۋە يېڭى يىلدىكى ئۈمىد بولماستىن، بەلكى بىر خىل كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى بولدى . شۇ جاي ۋاقتى 5-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە بىر قېتىم ئۆلۈۋېلىش خاراكتېردىكى
  

    يېڭى يىل كىرىپ نەچچە كۈن بولمايلا ، سۇرىيە خەلقىنىڭ كۈتۈۋالغىنى خاتىرجەملىك ۋە يېڭى يىلدىكى ئۈمىد بولماستىن، بەلكى بىر خىل كۈچلۈك پارتلاش ئاۋازى بولدى . شۇ جاي ۋاقتى 5-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە بىر قېتىم ئۆلۈۋېلىش خاراكتېردىكى پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، پۇقرا ۋە خەۋپسىزلىك قىسىمىنىڭ خادىملىرىدىن بولۇپ جەمئىي 25 ئادەم قازا قىلدى ، 46 ئادەم يارىلاندى . بۇ ۋاقىتتا، سۇرىيەنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى تارتۇس پورتى ئالاھىدە بىر مېھماننى كۈتۈۋالدى . 7-يانۋار، رۇسىيەنىڭ شىمالىي فلوتنىڭ ‹‹كۇزنېتسوۋىيە›› ناملىق ئاۋىياماتكا جەمەتى سەپ تارتىپ بۇ يەرگە يېتىپ كەلدى. نۆۋەتتە سۇرىيەنىڭ ۋەزىيىتى قاراڭغۇ بولۇپ، رۇسىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى چەت ئەلنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتتى.

   سۇرىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 7-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە ، رۇسىيەنىڭ ئاۋىياماتكا جەمەتى شۇ كۈنى سۇرىيە تارتۇس پورتىغا جايلاشقان رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ تەمىنات پونكىتىغا يېتىپ كەلگەن . تارتۇس ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ناداف شۇ كۈنى پورتتا رۇسىيە ئاۋىياماتكا ئەترىتىنى كۈتۈۋالغان .

   رۇسىيە تاسىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە ، رۇسىيە ئاۋىياماتكا ئەترىتىدىكى شىمالىي فلوتقا تەۋە ‹‹ Chabanenko دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى سۇ ئاستى كېمىسىگە قارشى ئۇرۇش پاراخودى تارتۇس پورتىغا كىرگەن بولۇپ، سۇرىيەدە بىرنەچچە كۈن تۈرىدىكەن .

   شىمالىي فلوتنىڭ ‹‹كۇزنېتسوۋىيە›› ناملىق ئاۋىياماتكىسىنىڭ باشچىلىقىدا، رۇسىيەنىڭ ئاۋىياماتكا ئەترىتى بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 6-كۈنى يولغا چىققان .

   سۇرىيەنىڭ تارتۇس پورتى 1971-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، يەر ئوتتۇرا دېڭىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ پاراخوتلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە ماي قاچىلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. سىۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، يەر ئوتتۇرا دېڭىزىدىكى قىسمەن ئاۋىياماتكا ئەتىرىتى تارقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق بازىسى يەنىلا ساقلاپ قېلىنغان .

    رۇسىيە ئاۋىياماتكا جەمەتىنىڭ يەر ئوتتۇرا دېڭىزىغا يېتىپ كېلىشى ۋەزىيىتى جىددىى ھالەتتە تۇرۇۋاتقان سۇرىيەدە ھەر خىل كۆز- قاراشلارنى پەيدا قىلغان. رۇسىيە ھەربىي تەرەپ : ئاۋىياماتكا جەمەتىنىڭ دېڭىزنى چارلاش پىلانى بۇرۇنلا بېكىتىپ بولۇنغان، نۆۋەتتىكى سۇرىيە ۋەزىيىتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق›› دېگەن .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!