ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جۇڭگونىڭ خام ئەشيالىرى دۇنيا مۇز زەھەر زاۋۇتلىرىغا ئېقىپ كىردى(2)

2011-يىلى11-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
چاكاندا جۇڭگو مۇز زەھىرىنىڭ يەر شارىۋى تورى 1990-يىللار ئەتراپىدا شەكىللەنگەن. 1970-يىللاردا ياپونىيەدىن باشلاپ گۈللىنىشكە باشلىغان مۇز زەھەر دولقۇنى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيەدە زور ئاپەتكە ئايلاندى، ئەپيۇن تېرىش شارائىتى بولمىغاچقا، ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي
  

   

                                 چاكاندا

 جۇڭگو مۇز زەھىرىنىڭ يەر شارىۋى تورى 1990-يىللار ئەتراپىدا شەكىللەنگەن. 1970-يىللاردا ياپونىيەدىن باشلاپ گۈللىنىشكە باشلىغان مۇز زەھەر دولقۇنى ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيەدە زور ئاپەتكە ئايلاندى، ئەپيۇن تېرىش شارائىتى بولمىغاچقا، ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيەنىڭ زەھەر بازىرىدا سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن خىمىيىلىك زەھەر-مۇز زەھەر %90 نى ئىگەللىگەن. ئېغىر ئىجتىمائىي زىيان يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ زەھەرگە قاتتىق زەربە بېرىشكە باشلىدى، زەھەر سودىگەرلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى يۆتكەشكە باشلىدى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆزىگە يېقىن تەيۋەن، شىياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللىدى، ئاندىن ئۆز دۆلىتىگە يۆتكەپ كېلىپ ساتتى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىشىگە ئەگىشىپ، يەر شارىدا ئەڭ چوڭ چاكاندا بايلىقى بولغان جۇڭگو پەندىنپەي زەھەر سودىگەرلىرىنىڭ ئالدى بىلەن تاللايدىغان مۇز زەھەر ئىشلەپچىقىرىش ئورنى بولۇپ قالدى. ئەمدىلا ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋەتكەن جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇز زەھەر پۈتۈنلەي يات بىر نەرسە ئىدى، دۆلەت ئىچىدە مۇز زەھەر ياساش ناھايىتى «قولايلىق» ئىدى. 1990-يىلى، شەندۇڭ خېزې (菏泽) شەھىرىنىڭ كەنت كادىرى ۋېي جوڭيى (魏忠义) شىياڭگاڭلىق سودىگەر بىلەن مۇز زەھەر پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېلىپ سېتىش توختامى پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەلۇم بىر دورا شېركىتىدىن ئېفېدرىن سېتىۋېلىپ، بېيجىڭدىكى بىر خىمىيە رېئاكتىپ زاۋۇتىنى تاپقان، «ئوكسىدسىزلانغان ئېفېدرىن دەم سىقىشنى داۋالايدىغان، ئاغرىق توختىتىدىغان دورىلارنى ئىشلەشنىڭ خام ئەشياسى» دېگەن نامدا شىياڭگاڭغا ئېكىسپورت قىلىدىغان بولۇپ، ھەر كىلوگىرامى 400 يۈئەنلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ھەققى بېرىش بەدىلىگە مەزكۇر زاۋۇت بىلەن 5500 كىلوگىرام مۇز زەھەر پىششىقلاپ ئىشلەش توختامى ئىمزالىغان. ئەينى يىلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى ۋە زەھەر ياسىغۇچىلارنىڭ ئەسەبىيلىكىنى جۇڭگودا پاش قىلىنغان بىرىنچى مۇز زەھەر دېلوسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: 1989-يىلى، شىياڭگاڭلىق مۇز زەھەر ئىشلەپچىقارغۇچى لى چيۇپىڭ (李秋萍) شىياڭگاڭدىكى مۇز زەھەر ياساش ئىگىلىكىنى جۇڭگو قۇرۇقلۇقىغا يۆتكىگەن، 1992-يىلى دېلو يۈز بەرگەنگە قەدەر بولغان 3 يىل ئىچىدىلا مىڭ كىلوگىرامدىن ئارتۇق مۇز زەھەر ياساپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىياڭگاڭ، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ ساتقان. بۇ دېلونىڭ تەسىرى بىلەن، جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكى 1992-يىلى 8-ئايدا «مېتو-ئامفېتامىن ۋە ئېفېدرىننى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتتى. كېيىن، سابىق دۆلەت دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 1995-يىلى «ئېفېدرىننى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» نى ئېلان قىلدى. ئەمما بۇلار مۇز زەھەر ياسىغۇچىلارغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى تەمىنلەيدىغان غايەت زور زەھەر ئىشلەپچىقىرىش تورى ئاللىقاچان توقۇلۇپ بولغان ئىدى. رايون، مىللىي ھېسىيات جەھەتتىكى يېقىنلىقنى مەركەز قىلغان ھالدا، جۇڭگو چېگرىسىدىكى يەرلىكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، جۇڭگودا تۆت تەرەپتىن كىرگەن مۇز زەھەر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللەندى: جەنۇبىي كورىيە زەھەر سودىگەرلىرى خېيلوڭجىياڭ قاتارلىق كورىئان (چاۋشىيەن) لار ئولتۇراقلاشقان جايلارغا كىردى، تەيۋەنلىك زەھەر سودىگەرلىرى فۇجىيەنگە كىردى، شىياڭگاڭلىق زەھەر سودىگەرلىرى گۇاڭدۇڭغا كىردى، بېرما زەھەر سودىگەرلىرى يۈننەگە كىردى، ھەممىسى ئۆز ئالدىغا زەھەر ياساش ۋە سېتىش بازىسىنى قۇرۇپ چىقتى. 1998 ۋە 1999-يىللىرى، ب د ت زەھەر چەكلەش مەھكىسىمى جۇڭگونى ئۇدا ئىككى يىل يەر شارىدىكى مۇز زەھەرنىڭ كېلىش مەنبەسى بولغان دۆلەتلەر قاتارىغا تىزدى. جۇڭگو 1999-يىلى مۇسادىرە قىلغان مۇز زەھەر جەمئىي 16 توننا بولۇپ، يەر شارىدىكى مۇسادىرە قىلىنغان مۇز زەھەرنىڭ %50 نى ئىگەللىگەن ئىدى. بېسىم ئاستىدىكى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش بېسىمغا دۇچ كەلگەن جۇڭگو باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. 1998-يىلى 3-ئايدا، دۆلەت مەھكىسىمى «ئېفېدرىننى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، ئېفېدرىننى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، توشۇش، ئىشلىتىش، ئېكىسپورت قىلىشقا قارىتا مەخسۇس باشقۇرۇشنى بەلگىلىدى. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۆپلىگەن تارماقلار ئېفېدرىن تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىش مەسىلىسىدە ئالاقىدار قانۇن نىزاملارنى چىقىرىپ، ئېكىسپورتنى باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. بۇنىڭدا، ئېفېدرىننى تاموژنىغا دوكلات قىلىش ئېغىزلىرى پەقەت بېيجىڭ، تىيەنجىن، شاڭخەي، شېنجىن قاتارلىق تۆت ئېغىز بىلەنلا چەكلەندى. جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى يەنە ب د ت زەھەر چەكلەش ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەسئول دائىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى ئىمپورت-ئېكىسپورت قىلىشتىكى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورناتتى.

جۇڭگونىڭ زەھەر چەكلەش ئىدارىسى شۇ چاغدا قۇرۇلدى. بۇ ئىككى ئۇقتۇرۇش ئاساسىدا، سابىق دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسى 1999-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى «ئېفېدرىننى باشقۇرۇش ئۇسۇلى (سىناق)» نى ئېلان قىلىپ، ئېفېدرىننى دۆلەت ئىچىدە نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش، نۇقتىلىق سېتىش، گۇۋاھنامىگە ئاساسەن سېتىۋېلىش، گۇۋاھنامىسىگە ئاساسەن توشۇش، بىر گۇۋاھنامە بىر قېتىملا ئىناۋەتلىك بولۇش قاتارلىق قاتتىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى يولغا قويدى. 2000-يىلى 5-ئايدا، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستېرلىكى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا باشلاپ، ئېفېدرىننى توشۇش ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى، 2000-يىلى ب د ت زەھەر چەكلەش مەھكىمىسى جۇڭگونىڭ زەھەر كېلىش مەنبەسى دېگەن قالپىقىنى ئاخىرى ئېلىپ تاشلىدى. كېيىن، جۇڭگو زەھەر خام ئەشيالىرىنى باشقۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتتى. دۆلەت مەھكىمىسى 2005-يىلى 8-ئايدا «ئاسان زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيىلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش نىزامنامىسى» نى ئېلان قىلدى. 2007-يىلى 11-ئايدا، ئالاقىدار تارماقلار ھۆججەت ئېلان قىلىپ، تەركىبىدە ئېفېدرىن بولغان مۇرەككەپ ياسالمىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئېھتىياجلىق خام ئەشيانىڭ يىللىق تەستىقلاش مىقدارىنى ئۈچ يىللىق سېتىۋېلىش ئوتتۇرىچە مىقدارىدىن تۆۋەن قىلىپ بەلگىلىدى. بىراق، باشقۇرۇشنى كۈچىيشىگە ئەگىشىپ، زەھەر خام ئەشياسى پەندىنپەي پارچە سېتىشقا مەركەزلەشتى. چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ھەمدە ئېفېدرىن مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان زۇكام دورىسى بىرىنچى تاللاش بولۇپ قالدى. نەچچە يىلدىن كېيىن، قاتتىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يېڭى زېللاندىيە تاقەت قىلالماي، كاڭنەيكې ماركىلىق زۇكام دورىسىنى ئەتكەس قىلغان جۇڭگولۇق جيې چۈنيىڭغا 2004-يىلى 3 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى. 2005-يىلىنىڭ بېىشدا يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستېرلىكىگە خەت يازدى ھەمدە شۇ يىلى 11-ئايدا بېيجىڭدا تاموژنا باشقارمىسى تەسىس قىلدى. 2008-يىلى، جۇڭگو دۆلەتلىك دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقرىپ، دورىخانىلاردىن كاڭتەيكې، بەيجىياخېي (白加黑)، بەيفۇنىڭ (百服咛) قاتارلىق نەچچە ئون خىل دائىم ئىشلىتىدىغان زۇكام دورىسىنى ساتقاندا، بىر قېتىمدا 5 كىچىك قاپتىن ئېشپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئۆزگىرىش يېڭى زېللاندىيەنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى، ئاۋكېلاند تاموژنىسى زەھەر تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مەسئولى بىل پېررىي (Bill Perry) يەرلىك ئاخباراتلارغا:«موشۇ يىللاردا، يېڭى زېللاندىيە جۇڭگو بىلەن كاڭتەيكې دورىسىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە توختىماي سۆھبەتلەشتى، جۇڭگو دورىخانىلىرى ھازىر كاڭتەيكې دورىسىنى سېتىۋالغۇچىلارغا مىقدارىدا چەك قويدى» دېگەن. جۇڭگو 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ مۇز زەھەر خام ئەشياسىغا قارىتا ئىشلەپچىقرىشتىن يۆتكەشكىچە، ئىشلىتىشكىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىسىنى باشقۇرۇشتا بىر قاتار تۈزۈلمىلەرنى تۈزۈپ چىقتى. ئەمما بۇ مەزگىلدە، جۇڭگونىڭ نوقۇل ھالدىكى مۇز زەھەر ئارىلىق بېكىتى بولۇش سالاھىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى، مەركەزلىك يەتكۈزۈپ بېرىش دۆلىتى، ئېستىمال دۆلىتى، ئېكىسپورت دۆلىتى ۋە ئىمپورت دۆلىتى، ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بىر گەۋدىلىشىپ كەتتى. بىرىكمە زەھەر چوڭ شەھەرلەردە، شەرقىي قىسىمدىكى گۇاڭدوڭ، فۇجىيەن قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەردە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىمۇ مۇز زەھەر چوڭ رايونى قاتارىغا كىرىپ، بىر سەكرەپلا يۈننەن بىلەن بىرگە تۆت چوڭ زەھەر ئۆلكىسىگە ئايلاندى، تەكشۈرۈپ چىقىلغان مۇز زەھەر سانى يۈننەننىڭكىگە يېقىنلاشتى. 2011-يىلى 6-ئايدا، لىيۇ يۆجىن ئاشكارىلاپ:«تەكشۈرۈپ چىقىلغان زەھەر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىدىن قارىغاندا، ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپ ئۆلكە مەركەزلىرىدە يەر ئاستى زەھەر پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرى پاش قىلىندى. دۆلەت ئىچىدە ئىستىمال قىلىنىدىغان بىرىكمە زەھەرلەرنىڭ خېلى بىر قىسىمى دۆلەت ئىچىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان، ئومۇمىي  ئەندىزىسى بولسا دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئاشماقتا» دېگەن. مۇز زەھەرنىڭ بارغانسېرى يامرىشى، كۆپلىگەن جۇڭگو ياشلىرىنى ئۈزلۈكسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان زەھەر چەككۈچىلەر شىددەت بىلەن كۆپەيدى، 2008-يىلى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ئىگىلىگەن 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياش زەھەر چەككۈچىلەر 17 مىڭ بولغان، 2009-يىلى كۆپىيىپ 37 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، شەرقىي شىمال ئۈچ ئۆلكىدىكى %65 ياش-ئۆسمۈر تەڭ دىمەتلىكلەردىن مۇز زەھەرگە ئېرىشەلەيدىكەن. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرنى قالايمىقان ئىشلىتىشىنىڭ ئاقىۋىتى يۇقىرى نىسبەتتىكى جىنايەت سادىر قىلىشتۇر، گۇاڭدۇنىڭ قىسمەن رايونلىرىدىكى تەكشۈرۈپ چىقىلغان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىدا، زەھەر چېكىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىرى %80 كە يەتكەن. ۋۇشى ساقچىلىرى پاش قىلغان بىر دېلودا ئايان بولىشىچە، مۇز زەھەر ياساش رېتسىپى ئەل ئارىسىدا 200 مىڭ يۈئەنگە سېتىلغان. ھازىر، چوڭ خام ئەشيا دۆلىتى بولغان جۇڭگودا ھەر خىل سۈپەتتىكى مۇز زەھەرلەر ئون نەچچە خىلغا يەتتى، ئاساسلىقى ئۆسۈملۈك مۇزى (ئاق مۇز، ساپ مۇز) ۋە خىمىيىۋى بىرىكمىلىك مۇز (سېرىق مۇز) ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئۆسۈملۈك مۇزى ۋە ساپ مۇز ئۆسۈملۈك ئېفېدرىندىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئالماس، ئاق چىش، سېرىق چىش، مېۋە مۇزى، ئاقمايلىق مۇز، مايلىق مۇز، چوڭ خىش مۇزى قاتارلىق مۇز زەھەر مەھسۇلاتلىرىغا بۆلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئالماسنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى؛ بىرىكمە ئېفېدرىن خىمىيىلىك مۇز زەھەر بولۇپ، سۈپىتى ناچار. بارلىق خىلدىكى مۇز زەھەرلەرنى بەزىلەر ئېنتىرنېتتىمۇ ئاشكارا ساتىدۇ.

 نەپرەت تەرجىمە قىلدى، مەنبەنى ئوكيان تورى دېگەن ئاساستا باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ خام ئەشيالىرى دۇنيا مۇز زەھەر زاۋۇتلىرىغا ئېقىپ كىردى(1)  

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!