خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 6-نويابر خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئېنتىرنېت تېرورىزمىنى نازارەت قىلىدىغان تەشكىلاتىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، تالىبان رەھبىرى موللا مۇھەممەد ئۆمەر يېقىندا ئېنتىرنېت تورى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاپ، تالىبان خادىملىرىدىن پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتى مەخسۇس ئېنتىرنېتتىكى تېرورلۇق پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، 4-نويابردا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، موللا مۇھەممەد ئۆمەرنىڭ سۆزى يېقىندا ئېنگىلزچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بىر دىننىي تور بەتتە ئېلان قىلىغان، مەزمۇنى: تالىبان خادىملىرىدىن پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. موللا مۇھەممەد ئۆمەر قوراللىق خادىملاردىن پۇقرالار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلغان؛ يەنە بىر تەرەپتىن پۇقرالارنىڭ تەدبىر قوللىنىپ ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. موللا مۇھەممەد ئۆمەر ئېيتقان تەدبىر پۇقرالارنىڭ كەنت ۋە شەھەر ئەتراپىنى چارلاۋاتقان چەتئەل قوشۇنلىرى بىلەن ئارىلىق ساقلاپ، مۇۋاپىق ئالدىن ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ، ئىشغالىيەتچىلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇمدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولۇپ قالماسلىقىنى ئېيتقان. ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتى ھازىرقى باسقۇچتا بۇ باياناتنىڭ راست يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. موللاھ مۇھەممەد ئۆمەرنىڭ ھازىر ئىز-دېرىكى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئالاقىدار نۇرغۇن خەۋەرلەر بېرىلگەن. ئەڭ يېڭى خەۋەر بۇ يىل 7-ئايدا بېرىلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا نۇرغۇن ئاخباراتلارنىڭ مۇخبىرلىرى تالىباننىڭ باياناتچىسى دائىم ئىشلىتىدىغان يانفۇن ئارقىلىق كەلگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇچۇر مەزمۇنىدا موللا مۇھەممەد ئۆمەرنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى دېيىلگەن. ئەمما تالىباننىڭ باياناتچىسى كېيىن بۇ ئۇچۇرنى ئىنكار قىلغان، ئامېرىكا خاككېرلىق تېخنىكىسىنى ئىشقا سېلىپ، يانفۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن. تالىبان ئەينى چاغدا موللا مۇھەممەد ئۆمەرنىڭ يەنىلا ھايات بولۇپ، داۋاملىق قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. (نەپرەت)