ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىردا ئۆتكەن ئۈچ كۈندىكى توقۇنۇشلاردا 22 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-نويابر خەۋىرى: ھەربىي تەرەپنىڭ ئاۋام سايلىغان ھۆكۈمەتكە ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋاقىت جەدىلىۋىنى تېزراق تۈزۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، مىسىر ئاممىسى يېقىندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. فرانسىيە ئ
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-نويابر خەۋىرى: ھەربىي تەرەپنىڭ ئاۋام سايلىغان ھۆكۈمەتكە ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىش ۋاقىت جەدىلىۋىنى تېزراق تۈزۈپ چىقىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، مىسىر ئاممىسى يېقىندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر سەھىيە مىنىستېرلىكى 21-نويابر جاكارلىشىچە، ئۆتكەن 3 كۈندە مىسىردىكى ھەر قايسى جايلاردا يۈز بەرگەن نامايىشچى ئامما بىلەن ساقچىلار توقۇنىشىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 22 ئادەمگە يەتكەن. مىسىر سەھىيە مىنىستېرلىكى ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 19-كۈنى نامايىشچى ئامما بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشقاندىن بۇيان، قاھىردىكى تەھرىر مەيدانى باشقا نەچچە ئۆلكىدە 22 ئادەم ئۆلگەن.

قاھىرە، ئىسكەندەرىيە ۋە سۇۋەيش قاتارلىق شەھەرلەردە كۆتۈرۈلگەن نامايىش دولقۇنى يەنە نەچچە يۈز ئادەمنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىسىرنىڭ ئېنگىلىز تىلىدىكى ئاخباراتى «مىسىر گېزىتى» 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا 676 ئادەم يارىدار بولغانلىقى دېيىلگەن. مىسىرنىڭ مۇستەقىل ئاخبارات تورى بىكياماسر بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، تەھرىر مەيدانىغا يېقىن دوختۇرخانا قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆلگەنلەر سانى 30 دىن ئېشىپ كەتكەن. مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسكەندەرىيە، ماخارا، سۇۋەيش ۋە مەنسۇر قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشقان ھەمدە نەچچە ئون ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. مەملىكەت دائىرىسىدا يارىدار بولغانلار مىڭدىن ئاشقان. (نەپرەت) مىسىرلىقلار كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىپ ھەربىي ھۆكۈمەتتىن ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!