ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سۈرىيە كۈزىتىش ئۆمىكى دوكلاتىغا پاسسىپ مۇئامىلىدە بولدى

2012-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:www.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۈل
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى كېڭىشى 8-يانۋار قاھىرەدە يىغىن تەشكىللەپ، كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكى باشلىقى داربى تۇنجى قېتىم سۇنغان ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تە
  

 

  ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە مىنىستىرلىكى كېڭىشى 8-يانۋار قاھىرەدە يىغىن تەشكىللەپ، كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكى باشلىقى داربى تۇنجى قېتىم سۇنغان ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

  6-يانۋار، سۈرىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى باياناتچىسى مۇئالىم شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ‹بىز كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ سۈرىيىدىكى ئەھۋاللارنى سىرتقا راست ۋە توغرا بايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز› دېدى.

  بۇندىن بۇرۇن، غەرب تاراتقۇلىرى كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى تەرىپىدىن بوغۇلۇپ قېلىپ، ئەركىن ھەرىكەت ئېلىپ بارالمىدى، دەپ قارىغانىدى، ئەمما مۇئالىم كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلەردە تامامەن ئەركىن ھالەتتە تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمنامىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ھېچقانداق چەكلىمىسىز ھالدا خىزمەت قىلىش شارائىتى ھازىرلەپ بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ قاراشنى ئىنكار قىلدى.

  ئۇ يەنە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بۇ تۇنجى دوكلاتى ئۈستىدە توختىلىپ ‹ ناۋادا بۇ دوكلات سۈرىيە ۋەزىيىتىگە قارىتا ئوبىكتىپ باھا بېرەلىگەن بولسا، ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلالمىغۇك ئىش بولمايدۇ. سۈرىيە ھۆكۈمىتى دوكلاتنىڭ تېزرەك ئېلان قىلىنىشى خالايدۇ› دەپ كۆرسەتتى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نېۋلاند 3-يانۋار كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ سۈرىيىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيىدىكى زوراۋانلىقنىڭ تېخىچە ئاياغلاشمىغانلىقىنى، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرمىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مۇئالىم 4-يانۋار بۇنىڭغا قارىتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ سۈرىيىدىكى تەكشۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىنىڭ ‹ئوچۇق-ئاشكارا ئارىلىشىش› قا ياتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئارقىلىق سۈرىيە كىرزىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ، كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ دوكلات سۇنۇشتىن بۇرۇنقى خىزمەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزۈش كويىدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  كۈزىتىش ئۆمىكى دوكلات سۇنۇش ھارپىسىدا سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھىرىدە يەنە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 26 ئادەم قازا قىلىپ، ئون نەچچە ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ بىلەن سۈرىيىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلەشتى.

        

  سۈرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۆكتىچىلەر تەشكىلاتى بۇ ۋەقەنى ئەيىبلىدى ۋە بىر قىسىم قۇراللىق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيە خەلقىگە پاراكەندىچىلىك سېلىشنى كۆزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قەتئىي توختىتىشقا چاقىردى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 6-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق پائالىيىتىنىڭ قەيەردە، كىم تەرىپىدىن، مەيلى قانداق مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنىڭ جىنايى قىلمىشقا ياتىدىغانلىقىنى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ خىلدىكى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ قىلمىشلارغا ئۈزۈل-كېسىل تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى 10 ئايغا يېقىن داۋاملاشقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى تېخىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ ماڭغان، بۇنىڭدىن سۈرىيە كەلگۈسى ۋەزىيىتىنىڭ تېرورىزىم ۋە سۇيقەست بىلەن تولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

خالىسە ئەھمەد

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!