تويى بولغان قىز -يىگىتلەر كىم ئېرسېننىڭ مىس ھەيكىلى ئالدىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە
شىنخۇا تورى پيۇڭياڭ 12-يانۋار تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى 12-يانۋار ئالاھىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېلنىڭ مىس ھەيكىلىنى تۇرغۇزىدۇ، دېگەن.
ئاخباراتتا دېيىلىشچە، چاۋشيەن كىم جوڭئېلنىڭ جەسىتىنى جىنشيۇ تېغى خاتىرە سارىيىغا قويۇپ، ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى تۇرغۇزىدىكەن ھەمدە كىم جوڭئېلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى( 2-ئاينىڭ 16-كۈنى)نى ‹‹ نۇرلۇق يۇلتۇز بايرىمى›› كۈنى قىلىپ بېكىتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چاۋشيەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كىم جوڭئېلنىڭ سۈرىتى ۋە ئابىدە مۇنارى تىكلىنىدىكەن.
كىم جوڭئېل بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ۋاپات بولغان.
چاۋشيەن ئالەمدىن ئۆتكەن دۆلەت رەئىسى كىم ئېرسېننىڭ جەسىتىنى جىنشيۇ تېغى خاتىرە سارىيىغا قويغان ھەمدە پايتەخت پيۇڭياڭدا ئۇنىڭ مىس ھەيكىلىنى تۇرغۇزۇپ، چاۋشيەننىڭ ھەر قايسى جايلىرى كىم ئېرسېننىڭ سۈرىتى ۋە ئابىدە تۈۋرۈكىنى تىكلىگەن.كىم ئېرسېننىڭ تۇغۇلغان كۈنى (4-ئاينىڭ 15-كۈنى)نى چاۋشيەننىڭ مۇھىم بايرىمى ‹‹ قۇياش بايرىمى›› كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.