ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ چېگرا رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

2012-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
  ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ( ماتېرىيال سۈرەت )    جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-يانۋار تېلېگراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 10-يانۋار كەچتە پاكىستاننىڭ ئافغانىستانغا يېقىن چېگرىسىد
  
 
ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ( ماتېرىيال سۈرەت )

   جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-يانۋار تېلېگراممىسى: چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى 10-يانۋار كەچتە پاكىستاننىڭ ئافغانىستانغا يېقىن چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىغا جايلاشقان قوراللىق ئۇنسۇرلار بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، تۆت نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. 

   خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى ئامېرىكا -پاكىستان مۇناسىۋىتىدە جىددىي بۇرۇلۇش بولۇۋاتقان پەيتتە يۈز بەرگەن تۇنجى ھەرىكەت ئىكەن. ش ئا ئە ت نىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى بۇلتۇر 26-نويابىر پاكىستاننىڭ چېگرا رايونىدىكى ئىككى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، پاكىستاننىڭ تەرەپنىڭ 24 نەپەر ئوفىتسېر - ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. كەينىدىن ئامېرىكا بۇ ۋەقەنى بىر قېتىملىق تاساددىپىي ۋەقە، دېگەن، لېكىن، پاكىستان تەرەپ بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەن ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشكەن.

   ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونىدىمۇ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 26 ئادەم قازا قىلىپ، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. پاكىستاندىكى تالىبانلار تەشكىلاتى شۇ كۈندىكى پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان .

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!