يەمەننىڭ شىمالىدىكى ئۆلكىلەردىكى مىڭلىغان نامايىشىچىلار 8-يانۋار پايتەخت ساناغا يىغىلىپ، پرىزدېنت سالىھىنى سوتلاشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.
بۇ قېتىمقى ئۇزۇن مۇساپىلىك نامايىشنى يەمەننىڭ شىمالىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق قىسمى بولغان ھۈسەي قۇراللىق قىسمى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشچىلار يەمەننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خۇدەيدا ئۆلكىسىدىن پايتەخت ساناغىچە بولغان 250 كىلومېتىر مۇساپىسىنى بېسىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.
ئەينى ئەھۋالنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 3000غا يېقىن نامايىشچىلار ئاممىسى شۇ كۈنى پايتەخت سانادىكى مۇئاۋىن پرىزدېنت ھادىنىڭ تۇرالغۇسىغا كېلىپ نامايىش قىلغان ۋە پرىزدېنت سالىھىغا كەچۈرۈم ھوقۇقى بەرگەن دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يەمەن كىرزىسىنى تەڭشەش كېلىشىمنامىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ، پرىزدېنت سالىھىنى سوتلاشنى تەلەپ قىلغان.
بۇلتۇر 24-دېكابىر يىگىرمە مىڭدىن ئارتۇق نامايىشىچىلار ئاممىسى جەنۇبتىكى ئۆلكىدىن قوزغىلىپ، پايتەخت ساناغا كەلگەن ۋە سانادىكى خەۋپسىزلىك ئارمىيىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىپ ئاز دېگەندىمۇ 13 ئادەم قازا قىلىپ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، يەمەندىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەر داۋالغۇش ئىچىدە قالغان بولۇپ، يەمەن بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە قويۇق ئالاقىگە ئىگە دېڭىز قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق كومىتېتى 4-ئايدا يەمەن كىرزىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىمنامىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كېلىشمنامىدە، ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىك قىلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش، 90 كۈن ئىچىدە پرىزدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، يېڭى پرىزدېنت سايلىنىپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا، سالىھىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشى ۋە كەچۈرۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى بەلگىلەنگەن. 2011-يىلى 23-نويابىر سالىھى رىيادتا بۇ كېلىشىمنامىگە ئىمزالىغان ۋە 7-دېكابىر يەمەن بىرلەشمە ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان.
24-دېكابىردىكى نامايىش كۆرۈنۈشلىرى:
خالىسە ئەھمەد