ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئىراننى پاسىل سىزىقىدىن ئۆتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى

2012-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:www.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۈل
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاتېننا 8-يانۋار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراننىڭ يادرو قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشى ئامېرىكىنىڭ قىزىل سىزىق پاسىلى ئىكەنلىكىنى، ناۋادا ئىران پاسىلدىن ئۆتۈپلا كەتسە، ئامې
  


  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پاتېننا 8-يانۋار تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىراننىڭ يادرو قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىشى ئامېرىكىنىڭ ‹قىزىل سىزىق› پاسىلى ئىكەنلىكىنى، ناۋادا ئىران پاسىلدىن ئۆتۈپلا كەتسە، ئامېرىكىنىڭمۇ مۇناسىپ ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
  پاتېننا شۇ كۈنى كولومبىيە رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىران مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ :‹ ئامېرىكىنىڭ قارىشىچە،ئىران ھازىر يادرو قۇراللىرىنى ئاچمىغان بولسىمۇ، ئەمما يادرو ئىقتىدارىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، مانا بۇ ئامېرىكىنى تەشۋىشلەندۈرۈۋاتقان مەسىلە، ئامېرىكىنىڭ ‹قىزىل سىزىق› پاسىلى بولسا ئىراننى يادرو قۇراللىرىغا ئىگە قىلماسلىق› دېگەن.
  بىرلىكتە زىيارەت قوبۇل قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنى رەئىسى مارتىن دېمپسىي ئىراننىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى ، ئەمما ئامېرىكىنىڭمۇ بۇ توساقنى بۇزۇۋېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
  غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازالاش چارىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئىران يېقىندا ھورمۇز بوغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇندىن باشقا، ئىران تاراتقۇلىرى 8-يانۋار ئىراننىڭ بومباردىماننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يەنە بىر يەر ئاستى ئۇران قويۇلدۇرۇش ئۈسكۈنىسىنى ئىشقا سالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن. گەرچە ئىران يادرو قۇراللىرىنى تىنچلىق ئىشلىتىش پوزىتسىيىسىدە ئىزچىل چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ يادرۇ قۇراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ، دەپ گۇمان قىلىشقان.
خالىسە ئەھمەد

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!