جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە زاتلىرى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ تەخمىنەن 200 شېركەت ۋە شەخسلىرىگە جازا يۈرگۈزىدىكەن. دېپلوماتىيە زاتلىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا يۈرگۈزىدىغان يېڭى جازالاش تەدبىرلىرىنى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بېريۇسېلدا ئېچىلىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەر مىنىستىرلىرى يىغىنىدا جاكارلايدىكەن. خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى دوكلاتىدا، ئىراننىڭ يادرو قورالى ياساش مەقسىتى بار دېگەندىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىرانغا يېڭى جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى ۋە مالىيە مىنىستىرى گېينېر بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت ۋە نېفىت-خىمىيە ساھەسى، يادرو ماتىرىياللىرى سېتىۋېلىشقا چېتىشلىق شېركەتلەرنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئوباما ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىراننى جازالاشنى كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلغان. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ئىقتىسادىي جازالاش تەدبىرلىرىنى جاكارلىغان، ئەنگىلىيەنىڭ ھەر قايسى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئىراننىڭ ھەر قايسى بانكىلىرى بىلەن پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنى تەلەپ قىلغان؛ كانادامۇ ئىرانغا نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتى، نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا ئالاقىدار ھەر قانداق ئەشيانى ئېكىسپورت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئىران بىلەن ھەر قانداق سودىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (نەپرەت)