جۇڭگو 2011-يىلى مۇز زەھەرگە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق زەربە بېرىشكە باشلىدى. ئىلگىرى، ئېفېدرىن (چاكاندا ئىشقارى) تۈرىدىكى دورا ماتىرىياللىرى (مۇز زەھەر ئىشلەپچىقرىش ماتىرىيالى) نى ئېلىپ سېتىش زەھەر ياساش ماتىرىياللىرىنى قانۇنسىز ئېلىپ سېتىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. بۇ زەھەرگە چېتىشلىق دېلولاردا نىسبەتەن يېنىك جىنايەت بولۇپ، ئەڭ ئېغىر بولغاندا پەقەت 10 يىل كېسىلەتتى ھەمدە جەرىمانىگىمۇ چەك قويۇلغان ئىدى. ئامما بۇ يىلدىن باشلاپ، بۇ قىلمىش «زەھەر ياساش جىنايىتى» دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشقا باشلىدى ھەمدە قانۇنلۇق ۋە قانۇنسىز مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلسا بولىدىغان بولدى. جۇڭگونىڭ خام ئەشيالىرى دۇنيا مۇز زەھەر زاۋۇتلىرىغا ئېقىپ كىردى (1)
سولدىن بىرىنچى كىشى جيې چۈنيىڭ
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى، بېيجىڭلىق پېنسىيەگە چىققان ساقچى جيې چۈنيىڭ (解群英) كاڭتەيكې (新康泰克) ماركىلىق زۇكام دورىسىنى ئەتكەس قىلىش جىنايىتى بىلەن 3 يىل 6 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى، 1 مىليون 500 مىڭ يۈئەن جەرىمانە قويۇلۇپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى زۇكام دورىسىنىڭ ئەتكەس قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلغان تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى. جيې چۈنيىڭ يېڭى زېللاندىيەگە ئەتكەس قىلغان زۇكام دورىسىنىڭ سانى جەمئىي 200 نەچچە ساندۇق بولۇپ، بۇ دورىلاردىن ئايرىپ چىقىلغان ئېفېدرىندىن تەخمىنەن 50 كىلوگىرام ئەتراپىدا مۇز زەھەر ياسىغىلى بولىدۇ. كاڭتەيكې زۇكام دورىسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى دېكستروروتارىيىلىك ئېفېدرىن بولۇپ، پەقەت ئىككى باسقۇچلۇق ئىش تەرتىپى بىلەنلا ئوكسىدسىزلانغان ئېفېدرىن پىششىقلاپ ئىشلىگىلى بولىدۇ. ئوكسىدسىزلانغان ئېفېدرىن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بىرىكمە زەھەر «مۇز زەھەر» نىڭ ئىلمىي نامى. چېڭدۇ شەھەرلىك تەپتىش ئورگانلىرى 2011-يىلى 4-ئايدا، ئېفېدرىن دورا ماتىرىياللىرىنى ئېلىپ سېتىش قىلمىشىنى تۇنجى قېتىم «زەھەر ياساش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلىدى. جۇڭگونىڭ زەھەر چەككۈچىلىرى تېخى «مۇز زەھەر» نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان 1998 ۋە 1999-يىللىرى، ب د ت زەھەر چەكلەش مەھكىمىسى جۇڭگونى ئىككى قېتىم «مۇز زەھەرنىڭ مەنبەسى دۆلەتلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، بېرما قاتارلىق چوڭ زەھەر دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا تىزدى. جۇڭگو كېيىن بىر قاتار قانۇنلارنى تۈزۈپ، مۇز زەھەر ۋە خام ئەشيالارنىڭ چېگرا سىرتىغا توشۇپ چىقىلىشىنى كونترول قىلدى، ئاخىرىدا جۇڭگونىڭ مۇز زەھەر مەنبەسى دېگەن قالپىقى ئېلىپ تاشلاندى. ئەمما ھازىرغا قەدەر، جۇڭگونىڭ مۇز زەھەر خام ئەشيالىرى يەنىلا توختىماي ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇز زەھەر ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىغا ئېقىپ كىرمەكتە. جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستېرلىكى زەھەر چەكلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۆجىن (刘跃进) ئاشكارا سورۇنلاردا بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا، ئامېرىكا مۇز زەھەرلىرىنىڭ خام ئەشياسىنىڭ ھەممىسىنى جۇڭگولۇق قانۇنسىز ئۇنسۇرلار تەمىنلىگەن. يەر شارىغا زەھەر خام ئەشياسى تەمىنلىگەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە، مۇز زەھەر دۆلەت ئىچىدىكى زەھەر بازىرىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى 30 پېرسەنتكە كۆتۈرۈلگەن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكىدە زەھەر چەككۈچىلەر ھۆكۈمەت تىزىمغا ئالغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ %72 نى ئىگەللەيدىكەن. جىلىن زەھەر چەكلەش ئەترىتىنىڭ خادىمى بۇنىڭ ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ئېشىش سۈرئىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. جۇڭگو ئەنئەنىۋى ئەپيۇن تېرىغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىللاردىن بۇيانقى زەھەر چەكلەش قوللانمىسىغا كىرگۈزۈلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا، ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئەنئەنىۋى زەھەر سانلىق مەلۇماتلىرى توپلىنىپ غايەت زور سانغا ئايلاندى، ئەمما مۇز زەھەرنىڭ پەيدا بولۇپ يامراپ كەتكۈچە پەقەت ئون نەچچە يىللا ۋاقىت كەتتى ھەمدە ئىگەللىگەن نىسبىتى %30 كە يەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇز زەھەر خام ئەشيالىرىغا ئېغىر زەربە بېرىشى جۇڭگونىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن شەھەر چەكلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى، يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى تەلىپى، سۆھبەتلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەڭ مۇھىم سەۋەبى مۇز زەھەر دۆلەت ئىچىدە يامراپ، سەل قارىغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئىدى. كاڭتەيكې «ئېكىسپورت» چوڭ دۆلىتى جيې چۇنيىڭ 200 ساندۇق كاڭتەيكې ماركىلىق زۇكام دورىسى پاراشوكىنى قوش قەۋەتلىك مەرمەر تاشلىق ئۈستەلنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ، يېڭى زېللاندىيە تاموژنىسىنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۆتۈپ كەتكەن. بېيجىڭدىن ئاۋكلاند شەھىرىگە بولغان 10448 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە، مەرمەر تاش ئارقىلىق كاڭتەيكې دورىسىنى ئەتكەس قىلىش ئەتكەسچىلەر ئىچىدە بىر قەدەر مودا بولغان ئۇسۇل. تاموژنىغا كىرگەندە، تاشنىڭ قېلىنلىقى رېنتىگىننىڭ سىكاننىرلىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدۇ. 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، 5 نەپەر چەتئەلدە ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى كاڭتەيكې دورىسى پاراشۇكىنى چاي بىلەن ئورىغاندىن كېيىن ئالا گرانتلىق پەتنۇسقا سېلىپ پوچتا ئارقىلىق ئاۋكلاند شەھىرىگە سېلىۋەتكەن. ئاۋكلاند شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى مۆلچەرلىشىچە، شۇ قېتىمقى دورىلار بىلەن مۇز زەھەر ياسىغاندىن كېيىن 40 مىليون يۈنگە يارايدىكەن.
يېڭى زېللاندىيەدىن ئىبارەت كىشى بېشىغا مۇز زەھەر چېكىش مىقدارى ئەڭ كۆپ دۆلەتتە، مۇز زەھەرنىڭ ھەر گىرامى 1000 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى (تەخمىنەن 5435 يۈئەن) بولۇپ، يەرلىكنىڭ ھەر يىللىق پۈتكۈل سودا سوممىسى ۋە پۈتكۈل ھاراقچىلىق ئىگىلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئەمما يېڭى زېللاندىيەدە مۇز زەھەر ياساش خام ئەشياسىنى تېپىش ناھايىتى تەس، تەركىبىدە ئېفىدرېن بولغان زۇكام دورىسى C تۈردىكى زەھەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، جۇڭگودا پەقەت «رېتسىپلىق دورا» شەكلىدە چەكلىك سېتىۋالغىلى بولىدىغان كاڭتەيكې ناملىق زۇكام دورىسى يېقىنقى يىللاردا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن زەھەر خام ئەشياسى بولۇپ قالغان، يېڭى زېللاندىيەدە بازارلىق مال بولۇپ قالغان، كىچىك قاپلىق پارچە سېتىلىش باھاسى 13 يۈئەن بولغان كاڭتەيكې ماركىلىق زۇكام دورىسى يېڭى زېللاندىيەگە ئاپارغاندىن كېيىن 330 يۈئەنگە ساتقىلى بولىدۇ. كاڭتەيكې دورىسىنى ئەتكەس قىلغاندا زور پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقتىن، يېڭى زېللاندىيەدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىغان يېڭى زېللاندىيەدە ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار خىلمۇ-خىل ئەتكەس قىلىش ئاماللىرىنى ئويلاپ چىقتى. يېڭى زېللاندىيە تاموژنىسى دۇچ كېلىدىغان قىلتاقلاردىن كىرىسلو، مەرمەر تاشتىن سىرت، يەنە ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى، ۋېلسىپىت زاپچاسلىرى، باتارىيە قاتارلىق ئېلىكترونلۇق سكانىرلاشنى توسۇيالايدىغان ھەر خىل بۇيۇملار بار. يېڭى زېللاندىيەنىڭ 2009-يىللىق زەھەر يىللىق دېوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاموژنا تۇتۇپ قالغان زەھەر مەھسۇلاتلىرىدا كۆپىيىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى جۇڭگونىڭ كاڭتەيكې ماركىلىق زۇكام دورىسى بولغان. 2002-يىلدىن 2008-يىلغىچە، يېڭى زېللاندىيە تۇتۇپ قالغان مۇز زەھەر خام ئەشياسى كاڭنەيكېنىڭ مىقدارى 12 ھەسسە ئاشقان، ھەر يىلى 10 مىليون كاپسۇلا يېڭى زېللاندىيەگە كىرىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ كاڭتەيكې ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئىككى پېرسەنتىنى ئىگەللىگەن. يېڭى زېللاندىيە ساقچىلىرى ۋە تاموژنىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇلار يېڭى زېللاندىيەگە قانۇنسىز كىرگەن زەھەر ۋە زەھەر خام ئەشيارلىرىنىڭ پەقەت %20 نى مۇسادىرە قىلالىغان. يېڭى زېللاندىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، %90 مۇز زەھەر خام ئەشياسى جۇڭگونىڭ كاڭتەيكېسىدىن كەلگەن. ئەمما يېڭى زېللاندىيە جۇڭگونىڭ مۇز زەھەر خام ئەشيالىرىنى ئەتكەس قىلىدىغان نىشانلارنىڭ بىرى خالاس. شاڭخەيدە تۇغۇلغان مېكسىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىر يې جېنلى (叶真理) 2006-يىلى پۈتكۈل دۇنياغا جۇڭگونىڭ مۇز زەھەر خام ئەشياسىغا بولغان ھەيرانلىقىنى ئاشۇردى. ئەينى يىلى 5-ئايدا، مېكسىكا ساقچىلىرى يې جېنلىنىڭ ئۆيىدىن 207 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، 200 مىڭ ياۋرو ۋە 157 مىڭ 500 مېكسىكا پېسوسى كېلىدىغان تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن نەق پۇلنى تاپتى. مېكىسكا پۈتۈن بىر يىلدا زەھەر مۇسادىرە قىلىش ۋە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرىدىغان پۇلنىڭ يىغىندىسى پەقەت يې جىنلىنىڭ پۇلىنىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلەتتى. مېكسىكا ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، يې جېنلى قۇرغان دورا شېركىتى ئىلگىرىكى ئىككى يىل ئىچىدە جۇڭگودىن جەمئىي 96 توننا خىمىيىلىك بۇيۇم ئىمپورت قىلغان، تاموژنىغا دوكلات قىلغاندا بۇ خىمىيىلىك بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى زۇكام دورىسى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ دېگەن، ئەمما بۇ خىمىيىلىك بۇيۇملار ئەڭ ئاخىرىدا پىششىقلىنىپ پېسۋدو-ئېفېدرىنغا ئايلاندۇرۇلغان ھەمدە يەرلىك زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە سېتىپ بەرگەن. ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، يې جېنلى زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە تەمىنلىگەن خام ئەشيا 41 توننا مۇز زەھەر ياساشقا يېتىدىكەن. ئىككى يىلدىن كېيىن يې جېنلى جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان ھەمدە ئامېرىكا ساقچىلىرىغا ماسلىشىپ، ئامېرىكىدىكى مېكسىكىلىق مۇز زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھى كۈچلىرىنى بىر يولدىلا تارمار قىلغان، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 38 شەھەردە جەمئىي 300 نەچچە مېكسىكىلىق زەھەر ئەتكەسچىسى قولغا ئېلىغان. ئامېرىكا ساقچىلىرى شۇڭا يې جېنلىنى «غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ چوڭ پېسۋدو-ئېفېدرىن ئەتكەس سودىگىرى» دەپ ئاتىغان. جۇڭگو مۇز زەھەر خام ئەشيالىرىنىڭ يەر شارى بازىرىدىكى ئەھۋالى بۇلا ئەمەس. جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردىن جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، روسىيەنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرى توختىماي جۇڭگونىڭ مۇز زەھىرى ۋە خام ئەشياسىنى سېتىۋالىدۇ. 2001-يىلى، جەنۇبىي كورىيەلىك زەھەر ئەتكەسچىسى شېنيۈ دو جۇڭگو ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان تۇنجى جەنۇبىي كورىيەلىك بولۇپ قالدى؛ 2010-يىلى، ياپونىيەلىك زەھەر ئەتكەسچىسى مىتسۇنوبۇ ئاكانو نەچچە ئون يىلدىن بۇيان جۇڭگو ئۆلۈم جازاسى بەرگەن تۇنجى ياپونىيەلىك بولۇپ قالدى؛ 2009-يىلى، ئەنگىلىيەلىك زەھەر ئەتكەسچىسى ئاكمال جۇڭگو ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان تۇنجى ئەنگىلىيەلىك زەھەر ئەتكەسچىسى ئىدى. ئاخباراتلارنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جەنۇبىي كورىيەنىڭ چەتئەللەردە تۈرمىگە چۈشكەن زەھەر جىنايەتچىلىرى 239 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭدا 90 نەپىرى جۇڭگودا تۈرمىگە چۈشكەن. يەر شارىنىڭ زەھەر مەركىزى بولغان بېرما جۇڭگونى ئاساسلىق خام ئەشيا مەنبەسى قىلىدۇ. يۈننەن ساقچىلىرى مۇسادىرە قىلغان خام ئەشيا سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېرمىنىڭ ئېھتىياجى يىلدىن-يىلغا ئاشقان: 2005-يىلى مۇسادىرە قىلغان ئېفېدرىن 635.9 كىلوگىرام بولغان، 2006-يىلى ئۆرلەپ 4.7 توننىغا يەتكەن، 2007-يىلى 30.4 توننا مۇسادىرە قىلغان، ئىككى يىل ئىچىدە 47 ھەسسە ئاشقان. نەپرەت تەرجىمە قىلدى، مەنبەنى ئوكيان تورى دېگەن ئاساستا باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە بولىدۇ.