
9-يانۋار ‹‹ بۈگۈنكى ياپونىيە ›› ۋە ئاۋستىرالىيەنىڭ ‹‹ كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، مۇھىت تەشكىلاتىنىڭ ‹‹ Steve Irwin ›› ناملىق پاراخوت خادىمى ، ئۈچ نەپەر ئاۋسترالىيەلىك مۇھىت قوغدىغۇچىنىڭ ياپونىيەنىڭ كىت ئوۋلاش كېمىسىگە بىسوراق چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ قېلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
بۇ ئۈچ نەپەر مۇھىت قوغداش خادىمى 47 ياشلىق Geoffrey Tuxworth ۋە 44 ياشلىق Simon Peterffy ھەم 27 ياشلىق Glen Pendlebury لار بولۇپ، ئۇلار ئاۋستىرالىيەنىڭ غەربىدىكى ئورماننى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش ‹‹ مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى ›› دىن كەلگەن. بۇ ئۈچ كىشى شۇ يەر ۋاقتى 7-يانۋار كەچتە، ياپونىيەنىڭ كىت ئوۋلاش كېمىسى ‹‹ Shonan Maru No . 2 ›› غا چىققاندا تۇتۇۋېلىنغان ، راتسىيەسىمۇ مۇسادىرە قىلىنىپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۈچ كىشى ‹‹ Shonan Maru No . 2›› ناملىق كېمىگە ‹‹ Steve Irwin ›› ناملىق پاراخوتنىڭ ئىزىغا داۋاملىق چۈشۈشىنى توسۇش ئۈچۈن چىققان ئىكەن .
ئاۋستىرالىيە ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئەۋەتىپ ، ياپونىيە تەرەپتىن بۇ ئۈچ كىشىنى ئاۋستىرالىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇلار ‹‹ Shonan Maru No. 2 ›› ناملىق پاراخوتقا چىققان دېڭىز تەۋەلىكى ئاۋستىرالىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى ئەمەس ، بەلكى ئاۋستىرالىيەنىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايون ئىكەن ، ئۇلار بەلكىم ياپونىيە قانۇنىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشىشى مۇمكىنكەن.
ياپونىيە كىت تۈرى تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر باياناتچىسى مۇنداق دېدى : بۇ كىشىلەر قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، دەپ ئەيىبلىنىدۇ. ئاۋستىرالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى DonaldRothwell: كىت ئوۋلاشقا قارشى بۇ ئۈچ كىشى ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ياپونىيە كېمىسىگە چىقىپ ، قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلدى دەپ ئەيىبلەندى ، ئۇلار ياپونىيەدە سوت قىلىنىشى مۇمكىن ، دېدى.