ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

سۇرىيەدە قوراللىق ئۇنسۇرلار مۇخبىرلار ئۆمىكىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى

2012-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
   11-يانۋار، سۇرىيە تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر ئوچۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ھۇمىس شەھىرىدە چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆمىكىگە راكېتا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، سەككىز ئادەمنىڭ قا
  

   11-يانۋار، سۇرىيە تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر ئوچۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ھۇمىس شەھىرىدە چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۆمىكىگە راكېتا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، سەككىز ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، نۇرغۇن چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
   خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ مۇخبىرلار ئۆمىكىنى سۇرىيە دائىرلىرى ھۇمىس شەھىرىدە كوللېكتىپ زىيارەت قىلىش پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرغان ئىكەن .
   ھۇمىس شەھىرى سۇرىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى توقۇنۇش ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ھەرىكەتلىرى يەنىلا داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. 

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!