جياڭشى ئۆلكىسى تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش باش ئىشتابى ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ، پوياڭ كۆلى ۋە گەنجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ، تۆۋەن ئېقىمىدا نۆۋەتتە ئېغىر سۇ ئورنى تۆۋەنلەش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ ، بىر مىليونغا يېقىن ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۇيى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىغان . جياڭشى ئۆلكىلىك تاشقىندىن مۇداپىئە كۆرۈش قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك رايونلارنى دەريا–كۆللەرنىڭ سۇ ئورنىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۆۋەنلىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىپ ، تەسىر ئۇچرىغان ۋە تەسىرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان سۇ ئەسلىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزگەرتىپ، شەھەرنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!