
11-يانۋار، ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، YouTube تور بېكىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر ۋىدېئو چاستوتىسىدا ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تۆت ئەسكىرى بىر تەرەپتىن چاقچاق قىلىشىپ ، بىر تەرەپتىن قانغا بويىلىپ ياتقان ئۈچ جەسەتكە كىچىك تەرەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن . ئۇلارنى بۇ تۆت ئەسكەر ئۆلتۈرگەن بولۇپ ، ئۆلگۈچىلەر تالىباننىڭ ئەسكەرلىرى ئىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، بەش بۇرجەكلىك بىنا بۇ ۋىدېئو چاستوتىسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان .
39 مىنۇتلۇق بۇ ۋىدېئو چاستوتىسىدا، بۇ تۆت ئەسكەر ۋاقىراپ-جاقىراپ ، ئالدىدا ياتقان جەسەتلەرگە كىچىك تەرەت قىلىپ كۆڭلىنى ئاچماقچى بولغان .ئۇلار ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى مۇھىتنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ، ئادەم يوقلىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن ، ھەربىي فورمىسىنى يېشىپ جەسەتلەرگە كىچىك تەرەت قىلىشقا باشلىغان ، بەشىنچى كىشى تېلېكامېرا بىلەن نەچچە مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ نەق مەيداننى سۈرەتكە ئالغان ، ئۇنىڭ سۈرەتكە ئېلىش ئورنى ۋە نۇقتىسى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا ، جەسەتلەرنىڭ چىرايىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن .
بۇ ۋىدېئو چاستوتىنى ئىسمى ‹‹ semperfiLoneVoice ›› دەپ ئاتىلىدىغان تور ئابونتى توردا تارقاتقان بولۇپ ، بۇ ئىسىم دېڭىز ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ بىر ئېغىز ھېكمەتلىك سۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ‹‹ مەڭگۈ سادىق ›› دېگەن مەنىدە ئىكەن .
بۇ ئابونت ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ۋىدېئو چاستوتا ئاستىغا يېزىلغان ئوبزورلاردىن ۋىدېئونى تارقاتقۇچىنىڭ دېڭىز ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مەخپىي مەلۇماتچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان .
ۋىدېئو تارقاتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە ، بۇ تۆت ئەسكەر يوشۇرۇن زەربە بېرىش قىسمىنىڭ ئەسكەرلىرى بولۇپ، 2-دېڭىز ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇقتا جەڭ قىلىش تۇەنى 3–يىڭىغا تەۋە ئىكەن . بۇ تارماق قىسىمدا تەخمىنەن 800 ئادەم بار بولۇپ ، شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ لېجۇنې لاگېرىغا جايلاشقان ئىكەن .