ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جۇڭگو ۋەكىلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىنى پەسەيت

2011-يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ مىن تۈنۈگۈن 66- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى 3- كومىتېتىنىڭ سۈرىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە ئاۋاز بەرگەندىن كېيىن سۆز قىلىپ،قاراردىن پايدىلىنىپ بېسىم ئىشلىتىپ ئىختىلاپنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ دېدى. ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سۈرىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىپ، كەڭ قۇرساق، تەڭپۇڭ بولغان سىياسىي مۇساپىنى باشلاپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ۋە نورمال تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرۇش لايىھەسىنى قارشى ئالىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت    
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!