جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان 11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بەشىر ئاسادنىڭ سۇرىيە رەھبىرى بولغان ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئۇزۇنغىچە ساقلاپ تۇرسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەردوغان ئىستانبولدا ئېچىلغان يىغىندا:«سەن (بەشىر ئاساد) تانكا ۋە زەمبىرەكلىرىنىڭ بىلەن ھوقوقىڭنى ساقلاپ قالساڭ بولىدۇ، ئەمما بۇ ۋاقىتلىق. سەن تەختتىن چۈشىدىغان ئۇ كۈن ھامان كېلىدۇ» دېگەن. ئەردوغان يەنە:«كىشىلەر دەس تۇرۇپ ئۆلگۈچە كۈرەش قىلايلى دېدى. سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ كىم؟ سەن ئۆزەڭ ئىدارە قىلغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلامسەن؟» دېگەن. ئەردوغان سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي كۈچ ئارقىلىق قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشاشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرنى باستۇرغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. ئەردوغان:«بىز تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن سۇرىيە خەلقىنى قىرغىن قىلىشنى ھەرگىزمۇ ئىنسانىي قىلمىش دەپ قارىمايمىز» دېگەن. بەشىر ئاساد 11-ئاينىڭ 20-كۈنى نەشىردىن چىققان ئەنگىلىيە «يەكشەنبىلىك تايمس گېزىتى» دە چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا ئۆلگۈچە كۈرەش قىلىشقا تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەشىر ئاساد ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ غەربنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشىغا باھانەت تېپىپ بەرگەنلىكىنى، سۇرىيەگە قارىتىلغان موشۇ خىلدىكى قىلمىشلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. بەشىر ئاساد ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەتكە قارشى ئەركىن سۇرىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇم قوزغىشىنى توسايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەشىر ئاساد سۇرىيەنىڭ كېلەر يىل 2 ياكى 3-ئايدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، ئەگەر سايلامدا مەغلۇپ بولسا ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.(نەپرەت)