يەر شارى تورىنىڭ 22-نويابر خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش شىتابى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، يېئون پىيوڭ ئارىلى ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىدا، جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى جەنۇبىي كورىيەنىڭ شەرقىي قىسىمى، غەربىي قىسىمىدا جەنۇبىي قىسىمىدىكى دېڭىز ساھەسىدە كۆپ خىل شەكىلدە مانىۋېر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە قوماندانلىق شىتابى ئەگەر شىمالىي كورىيە جەنۇبىي كورىيەنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئاراللىرىغا يەنە ھۇجۇم قىلسا، جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق ئىغۋاگەرچىلىك مەنبەسىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشمە قوماندانلىق شىتابى ئېيتىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى شىمالىي كورىيەنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق غەربىي ئاراللارنى ئىشغال قىلىۋالغان ئەھۋالنى قىياس قىلىپ، مېخانىكىلىق مەشىق ۋە تەقلىدىي ھۇجۇم قىلىش مەشىقى قىلىدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مانىۋېرنى بىرلەشمە قوماندانلىق شىتابى باش بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، مەقسىتى شىمالىي كورىيە ئىغۋاگەرچىلىك قىلغاندا، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى ھەمدە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتىنىڭ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بىرلا ۋاقىتتا شىمالىي كورىيە دائىرلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىككە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىدەك ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قويۇش ئىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېئون پىيوڭ ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش ئەترىتى شۇ جاي ۋاقتى 22-نويابر چۈشتىن كېيىن K-9 زەمبىرەكلىرى بىلەن دېڭىزنى توپقا تۇتۇش مەشىقى قىلغان. دېڭىز ئارمىيىسى يەنە قوغلىغۇچى پاراخوت، ئاگاھلاندۇرۇش پاراخوتى، كاتىر قاتارلىق 20 نەچچە خىل پاراخوتلارنى، P-3 ئالدىن سىگنال بېرىش ئايروپىلانى ۋە قارا مۈشۈك قاتارلىق ئايروپىلانلار، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، ھاۋا ئارمىيىسى ۋە دېڭىز-ئوكيان ساقچىلىرى قاتارلىقلارنىمۇ مانىۋېرغا قاتناشتۇرىدىكەن. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە يېئون پيوڭ ئارىلى رايونىدا ئۆز ئارا توپقا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئالدى بىلەن ئوق چىقاردى دەپ ئەيىبلىگەن. (نەپرەت) جەنۇب شىمال كورىيەنىڭ توقۇنىشى4ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى(11-23) جەنۇبىي كورىيە غەربىي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى كۆپەيتتى(2010-11-24)