جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيە شىمال فلوتىنىڭ ئاخبارات باشقارمىسى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇچۇر بېرىشىچە، «دېڭىز ئارمىيە مارشالى كۇزنېتسوۋ» ناملىق ئېغىر تىپتىكى ئاۋىئاماتكا باشچىلىقىدىكى دېڭىز ئارمىيە پاراخوت ئەترىتى سۇرىيەنىڭ تارتۇس پورتىدىن كەتكەن.
سۇرىيە ئەرەب ئاخبارات ئاگېنتلىقى يېقىندا خەۋەر قىلىپ، روسىيە دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوت ئەترىتىنىڭ تارتۇس پورتىغا كىرىشى «سۇرىيە خەلقى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىقىنى نامايەن قىلىشى» دېگەن.
روسىيە شىمال فلوتىنىڭ ئۇچۇرىدا:«ئاۋىئاماتكا كېمە ئەترىتىنىڭ سۇرىيە تارتۇس پورتىغا كىرىشى پەقەت تولۇقلىما يەتكۈزىشى ئۈچۈن. پاراخوتلار 10-يانۋار كۈندۈزدە سۇرىيە دېڭىز ساھەسىدىن كېتىپ، داۋاملىق يىراققا يۈرۈش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ» دېيىلگەن.
تارتۇس پورتىدا روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تولۇقلىما پونكىتى بار بولۇپ، پاراخوتلىرىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پاراخوت ئەترىتى «دېڭىز ئارمىيە مارشالى كۇزنېتسوۋ» ناملىق ئاۋىئاماتكا، «چابانېنكوۋ» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى پاراخوت ۋە باشقا قوغدىغۇچى پاراخوت، قۇتقۇزۇش پاراخوتى ۋە لېنا ناملىق ماي پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 6-كۈنى يولغا چىققان.
ئۇچۇردا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئاشكارىلاپ:«ئاۋىئاماتكىدىكى ھاۋا ئارمىيە قىسىمى يېقىندا ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بەلگىلەنگەن رايوندا ئاۋىئاماتكا پالۇبىسىدىن ئۇچۇش ۋەزىپىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىدۇ» دېيىلگەن.
(نەپرەت)