رۇسىيەدە 3-ئاينىڭ 4-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ . 12-يانۋار ، رۇسىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك زۇڭتۇڭ نامزاتى ، سابىق زۇڭتۇڭ ، ھازىرقى زۇڭلى پۇتىن ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتى تورىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈپ ، سايلام رىقابىتى پىروگرامما لايىھەسىنى ئېلان قىلدى . بىراق ، ئۇنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى ، پۇتىننىڭ سايلام مۇنازىرىسىگە قاتناشمايدىغانلىقى ، چۈنكى ئۇنىڭ بەك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى .
پۇتىن قاتنىشىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تور بېكېتى www.putin2012.ru مۇشۇ ئاينىڭ 12 -كۈنى چۈشتە رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن . بۇ تور بېكەتتىكى سەھىپىلەر ئاساسلىقى سايلام رىقابىتى پىروگرامما لايىھەسى ، تەرجىمھالى ، قىزىقىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن . تورداشلار بۇ توردىكى ‹‹ رۇسىيەنى بىرلىكتە ئۆزگەرتەيلى ›› مەخسۇس سەھىپىسى ئارقىلىق پۇتىنغا ئۆزىنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى قالدۇرسا بولىدىكەن .
زۇڭلى پۇتىن (ماتېرىيال سۈرەت)
شۇ كۈنى پۇتىننىڭ باياناتچىسى ، پۇتىن بەك ئالدىراش بولغانلىقى ئۈچۈن سايلام مۇنازىرىسىگە قاتناشمايدۇ ، بىراق ، ئۇنىڭغا ۋاكالەتەن قاتنىشىدىغانلادەم بار ، دېگەن .
ئۇ مۇنداق دېگەن: پۇتىن تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن دەم ئېلىشى رەسمىيىتى بېجىرىش كېرەك . بىراق ئۇ دەم ئالماستىن ، زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزىدۇ... سىلەر زۇڭلىنىڭ خىزمىتىنى چۈشىنىشىڭلار كېرەك ، چۈنكى ئۇنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتى ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان .