ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىككى كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

2012-يىلى01-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
  ‹‹ F-35 ›› بەلگىلىك كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان    جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-يانۋار تېلېگراممىسى : كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى ماگناتى LockheedMartin  شىركىتى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇ
  
 
‹‹F-35›› بەلگىلىك كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان

   جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-يانۋار تېلېگراممىسى : كىيوتو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 11-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى ماگناتى LockheedMartin شىركىتى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمىغا رادارغا چۈشمەيدىغان ، ئەڭ ئىلغار كۆرۈنمەس ‹‹ F-35 ›› بەلگىلىك ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلاننى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن .

   ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ‹‹ F-35B ›› بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان تىك ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن . بۇ تىپتىكى ئايروپىلان دېڭىز ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى ئۈچۈن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىلغان بولۇپ ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 12-ئايدا ياساپ چىققان ئاۋىياتسىيە ئۆزىنى قوغداش ئەترىتىنىڭ بىر ئەۋلاد ئاساسلىق ئۇرۇش قىلىش ئايروپىلانى ‹‹ F-35A ›› غا ئوخشىمايدىكەن .

   بۇ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلان 11-يانۋار ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى ئېگلىن ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇچقۇچىلارنى مەشىقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، ‹‹F-35›› بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلاننى ياساش ئۈچۈن نۇرغۇن راسخوت كېتىدىكەن .

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!