ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىتالىيە زۇڭتۇڭى رىمدىكى ئېتىشىشتا يارىلانغان جۇڭگولۇقنى يوقلىدى

2012-يىلى01-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
زۇڭتۇڭ دوختۇرخانىدا    شىنخۇا تورى رىم 9 -يانۋار تېلېگراممىسى: ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ناپولىتانو 9-يانۋار رىمدىكى سان گيوۋاننى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ، مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى رىمدا يۈز بەرگەن قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋەقەسىدە يارىلانغان جۇڭگولۇق جېڭ خانىمنى يوقلىدى
  

زۇڭتۇڭ دوختۇرخانىدا

   شىنخۇا تورى رىم 9 -يانۋار تېلېگراممىسى: ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ناپولىتانو 9-يانۋار رىمدىكى سان گيوۋاننى دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ، مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى رىمدا يۈز بەرگەن قوراللىق بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋەقەسىدە يارىلانغان جۇڭگولۇق جېڭ خانىمنى يوقلىدى .

   ناپولىتانو جېڭ خانىمنى يوقلاپ بولغاندىن كېيىن ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېگەن : بۇ قېتىمقى كېسەل يوقلاشتا ئالدى بىلەن يارىداردىن سەمىمىي ھال سوراش بىلەن بىرگە ، جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىمنى بىلدۈرىمەن . ئۇ ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ جىنايەتچىنى تۇتۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ : ‹‹ بۇ بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ، شۇنداقلا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمىز››، دېگەن.

   جۇڭگونىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ زۇڭتۇڭ بىلەن بىرگە دوختۇرخانىغا بېرىپ ، يارىداردىن ئەھۋال سورىغان ھەمدە زۇڭتۇڭنىڭ ئۆز قەدىمى بىلەن دوختۇرخانىغا كېسەل يوقلاشقا بارغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن .ئۇ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى قاتتىق ئەيىپلەپ ، ئىتالىيە تەرەپنىڭ جىنايەتچىنى تېزرەك قولغا چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

   دوختۇرخانا تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، جېڭ خانىمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ ، ھاياتىغا خەۋپ يەتمەيدىكەن . 

   مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى ، جېڭ خانىم ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ، قىزى ئۆزى ئولتۇرۇشلۇق بىنانىڭ ئالدىدا نىقابلىق ئىككى ئادەمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ، نىقابلىق ئىككى ئادەم جېڭ خانىمنىڭ سومكىسىنى بۇلاپ ، ئۇنى يارىلاندۇرغاندىن كېيىن ، يولدىشى بىلەن قىزىنى ئېتىۋېتىپ ، نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن . نۆۋەتتە ، ئىتالىيە ساقچى تەرەپ بۇ دېلودىكى بۇ ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى شىمالىي ئافرىقىدىن كەلگەن كۆچمەن ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان بولۇپ ، ھازىر ئىتالىيە بويىچە قوغلاپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان .

ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!