جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ دېيىشىچە، لىۋىيە قازافىنىڭ ئوغلى سەئىفنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە ھازىرغا قەدەر ئىنكاس قايتۇرمىغان، ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە ئىكەن.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قازافىنىڭ ئوغلى سەئىفنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە لىۋىيەدىن سەئىفنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانى بار يوقلىقىغا ئىنكاس قايتۇرشنى تەلەپ قىلغان، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لىۋىيە دائىرلىرى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
سەئىف بۇلتۇر 11-ئايدا لىۋىيەنىڭ زىنتاندا ئەسىرگە چۈشكەن. لىۋىيە ۋە خەلقئارادا ئورتاق بولغان ئۆلچەمگە ئاساسەن، جىنايەت گۇماندارى تورغا چۈشكەندىن كېيىن دەرھال ئاۋدوكاتى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىغا ئىگە بولىشى كېرەك. ئەمما سەئىف تۇتۇلغىلى ئىككى ئاي بولغان بولسىمۇ، يەنىلا زىنتاندا قاماپ قويۇلغان.
12-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىنسانىي ھوقۇق كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ بىر ۋەكىلى سەئىفنى يوقلىغان. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئابراھامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەئىف ئۆزى قامالغان يەرنىڭ شارائىتى خېلى ياخشى دەپ قارىغان، داۋالاش شارائىتىمۇ ياخشى ئىكەن.
ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ قارىشىچە، لىۋىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ سەئىفنى ئۇزۇن مۇددەت قاماپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئاۋدوكات تەكلىپ قىلماسلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارىش جىنايىتىنى ئەيىبلىمەسلىكى خەلقئارا ئەدىلىيە بەلگىمىسىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەن.
(نەپرەت)