ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، رۇسىيەلىك بىر قىز يېقىندا موسكۋانىڭ بىر مەخپىي راكېتا ياساش زاۋۇتىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن سۈرەتلەرنى تارتىپ چىققان ھەمدە بۇ سۈرەتلەرنى باشقا تور بەتلەردە تارقىتىۋەتكەن .
بۇ قىزنىڭ ئىسمى رانا ساتور بولۇپ ، بىلوگ ئاپتورى ئىكەن . ئۇ دوستلىرى بىلەن بىللە موسكۋانىڭ ئېنېرگىيە ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش بىرلەشمە گەۋدىسىگە قاراشلىق بىر زاۋۇتتا يۇقىرقى سۈرەتلەرنى تارتىۋالغان ، رانا ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى زاۋۇتنىڭ قورشاۋ تېمىدىن سەكرەپ ئۆتۈپ زاۋۇتقا كىرگەن ، ئۇلار زاۋۇتقا كىرگەندە بىرمۇ بىخەتەرلىك خادىمى ئۇچرىمىغان ، ھەتتا زاۋۇت ئىشچلىرىمۇ ئۇلارنى كۆرمىگەن .
سۈرەتلەر ئاشكارلانغاندىن كېيىن ، رانا رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن بىر پوچتا يوللانمىسىنى تاپشۇرۋالغان ، بۇ پوچتا يوللانمىىسدا ئۇنىڭ بۇ سۈرەتلەرنى يەنە قايتا ئاشكارلىماسلىقى تەلەپ قىلىنغان .
رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى Dmitry Rogozin مۇ رۇسىيە فېدېراتسىيە ئالەم بوشلۇقى مەھكىمىسىگە 1–ئاينىڭ ئاخىرى بۇ مەھكىمىنىڭ ئەسلىھە بىخەتەرلىكىنى قوغداش سىستېمىسىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھادىسىسىنى يوقىتىشىغا بۇيرۇق قىلغان ھەمدە ئەگەر يەنە مۇشۇنداق خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى بايقالسا، قاتتىق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .