ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 8-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە ، ئۇگاندانىڭ شىمالىدا بىر خىل غەلىتە كېسەل ‹‹ گىلدىڭباش كېسىلى ›› (nodding disease) يامراپ ، نۆۋەتتە 100 دىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلغان ، 2000 دىن كۆپرەك ئادەم بۇ خىل كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان .
بۇ خىل غەلىتە كېسەل 2009-يىلى 9-ئايدا تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا نەرسە يېگەندە بېشىنى قاتتىق گىلدىڭلىتىش ، تەپەككۇرى چېكىنىش ، يېتىلىشى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
ئالىملار بۇ خىل كېسەللىككە قارىتا بىر قاتار تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى تېپىپ چىقالمىغان . ئىگىلىنىشىچە ، ئۇگاندا سەھىيە مىنىستىرلىقى ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزىدىكى ئالىملار يۇقۇم رايونىغا بېرىپ، بۇ خىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ئۈستىدە قايتىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.