ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا يەمەننىڭ سالىھقا كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2012-يىلى01-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۈل
   جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-يانۋار تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى Newland مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكىنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان سالىھقا قارىتىلغان كەچۈرۈم قىلىش قانۇنىنى قوللايدى
  

   جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-يانۋار تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 10-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى Newland مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكىنىڭ يەمەن ھۆكۈمىتى ماقۇللىغان سالىھقا قارىتىلغان كەچۈرۈم قىلىش قانۇنىنى قوللايدىغانلىقى يەمەندىكى بىر قىسىم  زاتلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.  

   يەمەن ھۆكۈمىتى 8-يانۋار زۇڭتۇڭ سالىھنى كەچۈرۈم قىلىش قانۇنى تەستىقلىغان ھەمدە ئۇنى پارلامېنتنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنغان. بۇنىڭغا نىسبەتەن، Newland ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن ، كەچۈرۈم قىلىش قانۇنى ھەرگىزمۇ يېڭى ئامىل ئەمەس، بۇ پەقەت يەمەننىڭ ئۆتكۈنچى سىياسىتىدىكى مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا دېڭىز قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ياراشتۇرۇش كېلىشىمىدىكى بەلگىمىنىڭ مەزمۇنى. كەچۈرۈم قىلىش قانۇن(لايىھەسى)  دېڭىز قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى ھاسىل قىلغان ياراشتۇرۇش كېلىشىمىدىكى بىر تۈرلۈك بەلگىلىمە، شۇڭا قانۇننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.

   ئۇ يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنى يەمەننىڭ تارىخنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ دېموكراتىك بولغان كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ ›› .

   يەمەن ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى 8-يانۋار زۇڭتۇڭ سالىھقا كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىشكە قوشۇلۇپ، يەمەننىڭ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى بىلەن ھاسىل قىلغان ياراشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سالغان.

   ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت شۇ كۈنى بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولۇپ،  بۇنىڭدا سالىھ ۋە ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدىكى ئەمەلدارلارغا كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىش  تەلەپ قىلىنغان. يەمەن مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسى ‹‹ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنقى بارلىق قىلمىشلارغا تەدبىقلىنىدىكەن›› ھەمدە پارلامېنتنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈشىگە سۇنىلىدىكەن.  

   ئەمما، يەمەننىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن ۋىلايەتلەردە نەچچە مىڭ نامايىشچى شۇ كۈنى پايتەخت سانادا قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، زۇڭتۇڭ سالىھنى سوراق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

( مۇھەررىر : مەريەمگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!