خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : 9-يانۋار ، مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار ئۆز شوئارلىرىنى توۋلىشىپ ، ساقچىلارنىڭ يېنىدا سوت نەتىجىسىنى كۈتمەكتە . مىسىر تەپتىش تەرەپنىڭ 5-يانۋار ئېلان قىلغان ۋاقىت جەدۋىلىگە قارىغاندا ، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك قاتارلىقلارغا ئېچىلىدىغان سوت بۈگۈن ، ئەتە ئىككى كۈن داۋاملىق ئېچىلىدىكەن . مۇبارەك ئاز دېگەندىمۇ 846 نەپەر نامايىشچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن ، ئالدىنقى ھەپتە تەپتىش ئەمەلدارلىرى سوتتىن مۇبارەككە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان .