ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران: غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا قوللانغان جازاسىنىڭ زەربىسى

2011-يىلى11-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىراننىڭ سانائەت، كانچىلىق ۋە سودا مىنىستىرى مەھدى قازەنفالى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: غەرب ئەللىرىنىڭ ئىرانغا قوللانغان جازاسىنىڭ زەربىسى قوش يۆلىنىشلىك بولىدۇ.
قازەنفالى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى يلغا قويغان جازا ئىرانغا بېسىم پەيدا قىلغانلىقىنى، بۇ ئىراننى غايەت زور بەدەل تۆلەتكۈزۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتە بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

قازەنفالى مۇنداق دېدى: ئەگەر غەرب ئەللىرى ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەبلەغ سالمىسا، ئۇنداقتا ئاز دېگەندە 20 يىل ئىچىدە ئىران بازىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئىران باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ غەرب ئەللىرىنىڭ ئورنىغا چىقىپ، ئىرانغا مەبلەغ سېلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئۇندىن باشقا ئىران يەنە ئۆزىنىڭ كارخانىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ ئىچكى بازارغا كىرىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش ئارقىلىق جازانىڭ تەسىرىنى تۈگىتىدۇ.

قازەنفالى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىران غەربنىڭ جازاسىغا باش ئەگمەيدۇ، ئالاقىدار جازالار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا پايدىسىز، ئۇ پەقەت ئىككى تەرەپنى تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۋېتىدىلا، خالاس.


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!