بۇ قېتىمقى موسكىۋا ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسىگە يەنە سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كۆپلىگەن ئالەم قاتنىشى خادىملىرى قاتناشقان. ئۇلار سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ۋە ساليۇت ئالەم بوشلىقى پونكىتىدا ئالەم بوشلۇقى ئۇرۇشى جەھەتتىكى مەشىقىنى قوبۇل قىلغان. ئۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار ئالاھىدە ياسالغان بىر ئالەم بوشلۇقى زەمبىرىكى بىلەن ھۇجۇمغا كەلگەن ئامېرىكا توسقۇچى سۈنئىي ھەمرايىنى پاچاقلاپ تاشلاش مەشىقى قىلغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، لاھىيىگە ئاساسلانغاندا، ساليۇت ئالەم بوشلۇقى پونكىتى ئېغىر ئۇرۇش زەخمىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن، بىرلا ۋاقىتتا يەنە خادىملارنىڭ ئاتموسفراغا قايتىش بۆلمىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرەلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدىكەن. گەرچە ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان بۇ ئالەم تېخنىكىلىرى ھازىرقى روسىيەدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىسىمۇ، ئەمما بۇ تېخنىكىلارنى جۇڭگوغا تەمىنلەش تەمىنلىمەسلىكىنى بىلىپ بېقىش كېرەك. «جۇڭگو زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان شېنجوۋ ئالەم كېمىسى تۈرى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلەمدۇ؟» دەپ سوئال سورالغاندا، NPO نىڭ بىر ئەمەلدارى:«ئەلۋەتتە ئىشلىتىدۇ، نېمىشقا ئىشلەتمىگۈدەك» دېگەن. خۇددى روسىيە مۇستەقىل ھەربىي ئىشلار ئالدىن مۆلچەرلەش مەركىزىنىڭ رەئىسى تىزگانوك:«كەلگۈسى نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ ئىلغار قوراللارنى ياساش تېخنىكىسىغا بولغان تەلىپى تېخىمۇ كەڭرى ۋە جىددىي بولىدۇ، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قوراللارنى ياساپ چىقىشى كېرەك، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ نۇقتىدىكى پوزىتسىيىسى ناھايىتى ئېنىق، روسىيەلىكلەر جۇڭگوغا يا تېخنىكىسىنى سېتىپ بېرىشى كېرەك يا بۇ بازاردىن يوقىلىشى كېرەك» دەپ ئېيتقىنىدەك، 2011-يىللىق موسكىۋا ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسى خەلقئارا جامائەتچىلككە جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى پۇرسەتلەرنى ھېس قىلدۇردى. بىراق روسىيە بۇ يولدا ماڭامدۇ؟ مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر روسىيە جۇڭگو سۇنغان مال تىزىملىكى بويىچە ئىلغار ھەربىي تېخنىكا تەمىنلىسە، روسىيەگە ئاز دېگەندە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىپ بېرىدۇ. روسىيەنىڭ ئىستراتىگىيە ۋە تېخنىكا ئانالىز مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ماكىيېنكوۋ:«روسىيە 2011-يىللىق قورال-ياراغ ئېكىسپورت نىشانىنى 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتتى، ئەگەر جۇڭگودىن ئىبارەت چوڭ خېرىدارنى يوقىتىپ قويسا، بۇ نىشان ئېھتىمال بىر ۋاراق ئاق قەغەز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن.
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگو-روسىيە ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا توسالغۇلۇق قىلىدىغان «مۇستەھكەم قورغان» بولۇپ كەلدى. ئۇلار جۇڭگو روسىيە ئارمىيىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوراللارنى تەمىنلەشنى ئەڭ بىخەتەر دەپ قارىغان. روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ باھانىسى «جۇڭگولۇقلارنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدىغان تېخنىكا دوراش ۋە ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى بار»، ئەگەر جۇڭگوغا زامانىۋى ھەربىي سانائەت تېخنىكىسىنى سېتىپ بەرسەك، روسىيە قوراللىرى جۇڭگونىڭ كەلگۈسىي ھەربى مەھسۇلات بازىرىدا رىقابەت كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ دەپ قارىغان ئىدى. ئەمما موسكىۋادىكى سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر پۇتىننىڭ قەتئىي پوزىتسىيىسى دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىكىگە قاتتىق بېسىم پەيدا قىلغان. پۇتىن جۇڭگو روسىيە ئىستراتىگىيىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلغان، فرانسىيە «فىگارو گېزىتى» ئېلان قىلغان «پۇتىن نەزەرىيىسىنىڭ تۆت چوڭ تۈۋرىكى» ناملىق ماقالىدە:«قورال-ياراغ سېتىش پۇتىن دېپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ بىر تۈۋرۈكى، پۇتىن بۇنى ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل دەپ قارايدۇ» دېيىلگەن. پۇتىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ جۇڭگو-روسىيە ھەربىي ھەمكارلىقىغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. 2009-يىلى 5-ئايدا، جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش قوراللىق قىسىم مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن (常万全) گېنرال روسىيەنى زىيارەت قىلدغاندا، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرىدىكى «بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى» غا ئالاقىدار سۆزلەردە 180 گىرادۇس بۇرۇلۇش يۈز بەردى. روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كوسوۋسكىي زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا:«جۇڭگو بىلەن روسىيە ئىستراتىگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتتە. جۇڭگو قانداق تېخنىكىغا ئېھتىياجلىق بولسا، نورمال دوستلۇق يولى بىلەن بىزدىن ئالسا تامامەن بولىدۇ، شۇڭا تېخنىكا ئوغرىلاش مەسىلىسى ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن. سۇخۇي گۇرۇھىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسىمۇ تېخنىكا سېتىپ بېرىشتە بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھازىرقى مەسىلە شۇكى، روسىيەنىڭ جۇڭگولۇقلارنى قىزىقتۇرغىدەك يەنە قانچىلىك ھەربىي سانائەت تېخنىكىسى بار؟ 20 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسى كۆرىنەرلىك ئىلگىرلىگەن بولۇپ، ئىستراتىگىيىلىك نەزىرىمۇ پىلانلاشقان ۋە يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولدى، نۆۋەتتە بۇرۇنقىغا ئوخشاش قىل ئىلغىماي يېگەندەك ھەمىنى ئىمپورت قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، بەلكى تاللاپ تۇرۇپ «ئەۋرىشكىسىنى ئىمپورت قىلىدۇ». ئەنگىلىيە «جەنس مۇداپىئە ھەپتىلىكى» نىڭ 2008-يىللىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگوغا قارىتىلغان نەچچە ئون يىللىق خەلقئارالىق قامال قىلىش جۇڭگونى بارلىق قوراللارنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىزدىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، بېيجىڭ تېخنىكا ئېكىسپورت قىلغۇچى تەرەپنىڭ (موسكىۋانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نەيرەڭ ئىشلىتىپ، سىياسىي مۇناسىۋىتىدە چېكىنىش كۆرۈلگەندە «يەنە جۇڭگونىڭ گېلىنى بوغۇشى» دىن ئەنسىرىگەن. موشۇنداق «زىيانكەشلىككە ئۇچراش پىسخىكىسى» نىڭ تەسىرى بولغاچقا، جۇڭگو ھەربىي ساھەدە ھەر قانداق دۆلەتكە تامامەن ئىشىنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ھەربىي تېخنىكا سودىسى ساھەسىدىكى «ئېيىق ئەجدارھا ئۇرۇشى» داۋاملىشىدۇ. (تامام) (نەپرەت تەرجىمە قىلدى)