ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىرلىقلار كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلىپ ھەربىي ھۆكۈمەتتىن ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ

2011-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئاز دېگەندە 50 مىڭ مىسىر ئاممىسى قاھىرە ۋە ئىسكەندەرىيە قاتارلىق شەھەرلەردە نامايىش قىلىپ، قوراللىق قىسىملار ئالىي
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئاز دېگەندە 50 مىڭ مىسىر ئاممىسى قاھىرە ۋە ئىسكەندەرىيە قاتارلىق شەھەرلەردە نامايىش قىلىپ، قوراللىق قىسىملار ئالىي كومىتېتىدىن ھوقۇقنى ئامما سايلاپ چىققان دىندىن خالىي ھۆكۈمەتكە تېزراق تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، ھەربىي ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق قىلمىشىغا قارشى تۇرغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە بۇ قېتىمقى يىغىلىشنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى قاتارلىق ئىسلام تەشكىلاتلىرى بولسىمۇ، ئەمما مىسىر سىياسىي سەھنىسىدىكى باشقا گۇرۇھلارمۇ قاھىرەدىكى تەھرىر مەيدانىدا يىغىلغان. ئىگىلىنىشچە، قاھىرەدە يىغىلغان ئامما 50 مىڭدىن ئاشىدىكەن، مىسىرنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ئىسكەندەرىيە پورتىدا نەچچە مىڭ ئامما يىغىلىش قىلغان، كۆپ قىسىمى ياشلار ئىكەن.

ھسنامايىشچىلار زور سىياسەتلەردە ئارمىيەگە ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقارغۇچى ھوقۇقنى بەرگەن ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، قوراللىق قىسىملار ئەڭ ئالىي كومىتېتىنىڭ كېلەر يىل 4-ئايدىن ئىلگىرى ھاكىمىيەتنى خەلق سايلاپ چىققان ھۆكۈمەتكە تپشۇرۇپ بېرىشىنى ھەمدە مۇئاۋىن باش مىنىستىر سالىم ئوتتۇرىغا قويغان «ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى» نى قايتۇپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ پىرىنسىپتا ئاساسلىقى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دېموكراتىك قانۇن ۋە دىندىن خالىي ھاكىمىيەت قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇپ، قوراللىق قىسىملار ئالىي كومىتېتىغا تېخىمۇ كۆپلىگەن ھوقۇقلارنىڭ بېرىلىشى كەڭ تالاش-تارتىشنى قوزغىغان. مىسىر بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇنجى قېتىملىق پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتا سايلىمىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، پىرىزدېنت سايلىمى تېخى بېكىتىلمىگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!