جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنى قوغلىۋېتىپ، غەربنىڭ ئىراننى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالىماقچى بولغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە كانادالار ئىرانغا يېڭى جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ بولدى، فرانسىيەمۇ ئىران مەركىزىي بانكىسىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىشقا دەۋەت قىلغان. نۆۋەتتە ئەنگىلىيە، فرانسىيەلەرنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بولۇپ، كانادا ئۈچۈنمۇ ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىپ بېرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىراندا ئەلچىخانىسى يوق. ئىران ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران پارلامېنت ئەزاسى جىددىي ئەھۋال لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئىران بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ دېپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان، بۇ لاھىيە 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىنىدىكەن. پارس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن مېھىر ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ لاھىيەنىڭ مەزمۇنى يەنە ئىران پارلامېنتىنىڭ ئەنگىلىيە ۋە باشقا جازالاش ھەرىكىتىدە بولغان دۆلەتلەردىن ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. فرانسىيە ئىراننىڭ مەركىزىي بانكىسىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىشقا دەۋەت قىلغان ھەمدە ئىراننىڭ نېفىت ئېكىسپورتىنى چەكلىمەكچى بولغان.ساركوزىي 11-ئاينىڭ 21-كۈنى كۆپلىگەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئىران مەركىزىي بانكىسىنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ھەمدە ئىراننىڭ نېفىتىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئىران دېپلوماتىيە مىنىستېرلىكىنىڭ باياناتچىسى رامىن مېھمان پاراسەت ھەر ھەپتىدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا:«جازالاش ھەرىكىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىران خەلقىگە بولغان دۈشمەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن. (نەپرەت) ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ 200 شېركەت ۋە شەخسلىرىگە جازا يۈرگۈزىدۇ