ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

روسىيە قازاقىستان بلوروسىيە بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىدە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى

2011-يىلى11-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
خەلق تورىنىڭ 19-نويابر خەۋىرى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، روسىيە، قازاقىستان ۋە بلوروسىيە پىرىزدېنتلىرى موسكىۋادا ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش خىتابنامىسى، ياۋرو ئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتى شەرتنامىسى ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتى نىزام
  

 

خەلق تورىنىڭ 19-نويابر خەۋىرى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، روسىيە، قازاقىستان ۋە بلوروسىيە پىرىزدېنتلىرى موسكىۋادا ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش خىتابنامىسى، ياۋرو ئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتى شەرتنامىسى ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتى نىزامنامىسى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويغان. ئىمزا قويۇش ئۈچ دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسى تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىدىن بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق قۇرۇشتا يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، يېڭى ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەن. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە ئۈچ دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد بولسىمۇ، ئەمما توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلار نۇرغۇن ئىكەن. ئۈچ دۆلەت ئىمزالىغان ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، ئۇلار كېلەر يىل بىرلىككە كەلگەن ئىقتسادىي بوشلۇق قۇرۇشقا باشلايدىغان بولۇپ. ئەڭ ئاخىرقى نىشانى بىرلىككە كەلگەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، تاموژنا جەھەتلەردىكى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتىپاقى قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچى، تاۋار، مۇلازىمەت ھەمدە پۇل-مۇئامىلىنىڭ ئەركىن ئېقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن. روسىيە پىرىزدېنتى مېدىۋىدېۋ ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقىنىڭ 2015-يىلدىن ئىلگىرى قۇرۇلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان، شارائىت پىشىپ يېتىلسە، قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈچ دۆلەت بىر گەۋدىلىشىشكە مەسئول دۆلەت ھالقىغان ئورگان-ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي كومىتېتىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ ئورگان كېلەر يىلنىڭ بېىشىدا ئىشقا كىرىشىدىغان بولۇپ، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى ۋە بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق رامكىسىسىدىكى بىر گەۋدىلىشىش ئىشلىرىغا مەسئول بولىدۇ. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!