ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: قىزىل رەقەمنى ئازايت

2011-يىلى11-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قىزىل رەقەمنى ئازايتىش ئالاھىدە كومىتېتى ھۆكۈمەت مالىيەسىدىكى قىزىل رەقەمنى ئازايتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېيتا 21-نويابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر دۆلەت مەجلىسى كېلەر يىلى يەنىلا قىزىل رەقەمنى ئازايتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، 2013-يىلى يولغا قويۇش بېكىتىلگەن قىزىل رەقەمنى ئاپتوماتىك ئازايتىش مېخانىزمى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئاپەت خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

پانېيتا مۇنداق دېدى: دەرىجىدىن تاشقىرى كومىتېتىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلالماسلىقى قىزىل رەقەمنى ئاپتوماتىك ئازايتىش مېخانىزمىنىڭ 2013-يىلى باشلىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىدىن، دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق بىخەتەرلىك چىقىمىدىن 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر دۆلەت مەجلىسى كېلەر يىلى قىزىل رەقەمنى ئازايتىش مەسىلىسىدە يەنىلا كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كۆپ تەرەپلىك، ئاپەت خاراكتېرلىك چىقىمنى ئاپتوماتىك ئازايتىشقا دۇچار بولىدۇ، پۈتكۈل دۆلەت مۇداپىئە سىستېمىسى پارچىلىنىدۇ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلىشى تەسكە چۈشىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!