جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
قاتاردا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئىراقنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى زىبارى 21-نويابىر دەۋھەقتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇرىيە مەسىلىسى ئەرەب ئەللىرى رامكىسى ئىچىدە ھەل قىلىنىپ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ياكى سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىشى كېرەك.
زىبارى مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ سۈرىيەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەيدانى باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئىراقنىڭ بۇ مەيدانى سۇرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مەقسىدىدىكى ئەرەب تەشەببۇسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ياخشى رول ئوينىدى.
ئۇ ئىراقنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى سۈرىيەنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئاۋازغا قويغاندا ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئاقلاپ: ئىراق سۇرىيە مەنپەئەتى ۋە مۇناسىۋىتى مۇرەككەپ، بۇ پەقەت سۈرىيەدىن ئىبارەت بىرلا دۆلەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس دەپ قارىدى.