ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئەنگلىيە ئىرانغا پۇل مۇئامىلە جازاسى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جا

2011-يىلى11-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەنگلىيەنىڭ مالىيە ۋەزىرى ئوسبېن 21- نويابىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: شۇ جاينىڭ ۋاقتى 21-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەردىن باشلاپ، ئەنگلىيەدىكى بارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىراننىڭ ھەرقانداق بانكا ۋە ئۇنىڭ شۆبە ئاپپاراتلىرى ۋە بالا شىركەتلىرى بىلەن بولغان تىجارەت ياكى سودا ئالاقىسىنى توختىتىشى كېرەك، بۇ ئىران مەركىزىي بانكىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى قېتىم پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈشى.

ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىران بانكىلىرى يادرو بومبىسى تۈرىگە قاتناشقان شەخس ۋە كوللېكتىپلارنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، لوندون مۇھىم خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، ئەنگلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئىران بانكىلىرىنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئۆزىنىڭ يادرو بومبا تۈرىگە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشىنى تەسلەشتۈرىۋېتىدۇ.


خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!