خەلق تورىنىڭ 19-نويابر خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكا ئاخباراتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئېيتقان. ھىلارى 18-نويابر ئامېرىكا رادىئو شېركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى سۇرىيە ئارمىيىسىدىكى ئىسيان كۆتۈرگەن ھەربىيلەرنىڭ يېتەكلىشى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلار سەرخىل قوراللىنالايدىغانلىقىغا ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا يېتەرلىك مەبلەشكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشەنچىسى بارلىقىنى ئېيتقان. ھىلارى بۇ ئەھۋالدا سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىنچلىكى بار دەپ قارىغان. ھىلارى سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پىلتىسى يېنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەنلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۇرىيە پىرىزدېنتى بەشىر ئاسادنىڭ ئۆكتىچىلەرنى قورال ئېلىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى داۋاملىق زوراۋانلىق ئىشلەتسە، سۇرىيەنىڭ ئىشكى ئۇرۇشقا پېتىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى تونىي لاۋروۋنىڭ سۆزى توغرا بولمىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەرەب ئىتتىپاقى مىنىستىرلىرى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ماراكەش پايتەختى راباتتا ئالاھىدە يىغىن ئېچىپ، سۇرىيەدە ھۆكۈمىتىدىن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتىش كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. (نەپرەت)