ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىر كابېنتى ئارمىيەگە ئىستېپانامە سۇندى

2011-يىلى11-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

مىسىر كابېنتى 21-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: باش مىنىستىر شىرىف رەھبەرلىكىدىكى كابېنت 20-نويابىر قوراللىق قىسىم ئالىي كومىتېتىغا ئىستېپانامە سۇندى، ھازىر ئارمىيەنىڭ تەستىقلىشىنى كۈتمەكتە.

مىسىر كابېنتىنىڭ باياناتچىسى مۇھەممەت خىھاز باياناتتا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىستېپانامە تەستىقلانغانغا قەدەر مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت مىسىرنىڭ مۇشۇ ئىككى كۈندىن بۇيانقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىگە داۋاملىق دىققەت قىلىۋاتىدۇ، بۇ ۋەقەدە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى ۋە قازا قىلدى، ھۆكۈمەت بۇنىڭدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ ئاممىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دېموكراتىك سايلامنى ئۆز مۇددىتىدە كۈتۈۋېلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

نۆۋەتتە توقۇنۇشتا 23 كىشى قازا قىلدى، 2000 گە يېقىن كىشى يارىلاندى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!