جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
بېلگىيە فېدراتسىيەسى يېڭى ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش سۆھبىتىگە قاتناشقان ئالتە پارتىيە 2012-يىللىق دۆلەت خامچوتى تۈزۈش مەسىلىسىدە بىردەكلىككە كېلەلمىگەنلىكتىن پادىشاھ ئالبېر 2- تەرىپىدىن كابېنت تەشكىللەش ئىشىغا مەسئۇل قىلىنغان دۇربەي 21-نويابىر چۈشتىن كېيىن پادىشاھقا ئىستېپانامە سۇندى.
بېلگىيە خان سارىيى ئېلان قىلغان ئاخباراتقا قارىغاندا، پادىشاھ دۇربەينىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىققا تېخى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، پادىشاھ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بارلىق بىلگىيەلىكلەرنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى قوغداش ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقتىدا 2012-يىللىق دۆلەت خامچوتىنى تۈزۈش ئۈچۈن بىلگىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي كىرزىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش كېرەك، ئۇ سۆھبەتكە قاتناشقان بارلىق پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ قايتا ئويلىنىپ، سۆھبەتتە مەغلۇپ بولۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى دەڭسەپ، ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى، ئاخباراتتا: پادىشاھ كەلگۈسى بىرقانچە كۈندە ئوخشاش بولمىغان پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن كېڭىشىدۇ دېيىلدى.