ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كورىيە يېئون پىيوڭ ئارىلى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-نويابر خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دە، يېئون پىيوڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ، جەنۇب شىمال كورىيە چېگرا رايونىدا دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا بىرلەش
  

 

 جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 23-نويابر خەۋىرى: جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دە، يېئون پىيوڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ، جەنۇب شىمال كورىيە چېگرا رايونىدا دېڭىز، قۇرۇقلۇق، ھاۋا بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى ئۆتكۈزگەن. جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى مانىۋېرنىڭ مەقسىتى شىمالىي كورىيەنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە شىمالىي كورىيەگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىق ئۇچۇرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شىمالىي كورىيە ھەبىي مانىۋېرغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان، شىمالىي كورىيە ئاخباراتلىرى بەس-بەستە ماقالە ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ قىلمىشى پۈتكۈل مىللەتنىڭ تىنچلىق ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن.

 

كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا يېتەكچىلىك قىلغان بىرلەشمە قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى بىر يىل ئىلگىرىكى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدە ئۈنۈملۈك قايتۇرما زەربە بەرمىگەنلىكتىن ئاھانەتكە قالغان. يېئون پىيوڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدىكى ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مېخانىكىلىق مەشىق ۋە تەقلىدىي ھۇجۇم مەشىقى قىلىشنى تاللىغان، بۇ ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيە ئارمىيىسىنىڭ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تەكشۈرگەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورىيەدىكى ھەر قايسى ساھەلەر يېئون پيوڭ ئارىلى ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىقىدا يىغىلىش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي كورىيەنىڭ ئىغۋاگەرچلىك قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن. 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جەنۇبىي كورىيە باش مىنىستىرى كىم خۋاڭ-سىك، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىم ۋانجىن ھەمدە 3000 نەچچە شەھەر ئاھالىسى قۇرغان بولغانلارغا ماتەم تۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. كىم خۋاڭ-سىك تەزىيە مۇراسىمىدا جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكىگە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!