جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 26-نويابر خەۋىرى: بېرما ئۆكتىچىلىرىنىڭ داھىيسى ئاڭ سەن سۇكىيى رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتلىك دېموكراتلار ئىتتىپاقى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى سىياسىي پارتىيە تىزىملىكىگە قايتىدىن ئالدۇرغان بولۇپ، پارلامېنت تولۇقلىما سايلىمىغا قاتنىشىدىكەن، بۇ ئاڭ سەن سۇكىيىنىڭ نەزەربەنتتىن ئازاد قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن بېرما سىياسىي سەھنىسىگە رەسىمىي قايتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دېموكراتلار ئىتتىپاقى ۋەكىللىرى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېرما پايتەختى نايپىدۇدا دۆلەتلىك سايلام كومىتېتىغا قايتىدىن سىياسىي پارتىيەلىككە تىزىملىتىش ھۆججىتىنى سۇغان، بىر ھەپتىدىن كېيىن تەستىقلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. 2010-يىلى، بېرما دېموكراتلار ئىتتىپاقى سايلامنى بايقۇت قىلىپ، سىياسىي پارتىيەلىككە قايتىدىن تىزىملىتىشنى رەت قىلغان. ئەينى چاغدىكى سىياسىي پارتىيەلىككە تىزىملىتىش قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، دېموكراتلار پارتىيىسى سىياسىي پارتىيىلىك سالاھىيىتىنى يوقىتىپ، ئۆزلىكىتىدىن تارقىلىپ كەتكەن. ئەمما، يېقىندا بېرما پىرىزدېنتى زېيىن سېيىن سىياسىي پارتىيەلىككە تىزىملىتىشقا ئالاقىدار قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەستىقلاپ، سىياسىي جىنايەتچىلەرنىڭ سىياسىيغا قاتناشماسلىق چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان، ئاڭ سەن سۇكىينىڭ سىياسىي سەھنىگە قايتىدىن چىقىشىغا ئىمكانىيەت بولغان. 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، بېرما دېموكراتلار ئىتتىپاقى قايتىدىن تىزىملىتىشنى ھەمدە يىل ئاخىردىكى پارلامېنت تولۇقلىما سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان، دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ باياناتچىسى بىلدۈرۈشىچە، دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئاڭ سەن سۇكىيى پارلامېنت تولۇقلىما سايلىمىغا قاتنىشىپ، پارلامېنت ئەزاسى بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى تولۇقلىما سايلامدا 48 ئورۇننى تالىشىدىكەن. بېرما ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە تولۇقلىما سايلامنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى ئېلان قىلمىغان، ئاڭ سەن سۇكىيى دېموكراتلار ئىتتىپاقىدىن بارلىق ئورۇنلاشنى قولغا كەلتۈرۈش رىقابىتىگە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان. 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، بېرما پارلامېنتى يېڭى قانۇن لاھىيىسىنى ماقۇللاپ، ئاممىنىڭ تىنچ يىغىلىش ئۆتكۈزىشىگە رۇخسەت قىلغان. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، زېيىن سېيىن پايتەخت نايپىدۇدا ئاڭ سەن سۇكىيى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. بېرما يېڭى ھۆكۈمىتى يەنە نەچچە مىڭ سىياسىي مەھبۇسنى ئازاد قىلغان بولۇپ، بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاكىتىپ باھاسىغا ئېرىشكەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالدىنقى ھەپتە بېرمىنىڭ 2014-يىلى مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ نۆۋەتچى رەئىس بولۇشىنى تەستىقلىغان. (نەپرەت)