ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

فېلىپپىننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئارويۆنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنى ئۆي

2011-يىلى11-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: فېلىپپىننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئارويۆنىڭ ئادۋوكاتى تۈنۈگۈن مانىلاپاسەي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىن ئارويۆنى ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىشنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئارايۆنىڭ دوختۇرى سوتتا ئىسپات بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئارويۆنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولدى، ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ. ئارقىدىن، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى سوت مەھكىمىسىگە يۇقارقى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. فېلىپپىن دۆلەت سايلام كومىتېتى 18-نويابىر ئارويۆ قاتارلىق كىشىلەرنى 2007-يىلىدىكى سايلامدا، سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، دەپ شىكايەت قىلدى. ئارايۆ شۇ كۈنى كەچتە مانىلاشېڭلۇكا داۋالاش مەركىزىدە قولغا ئېلىندى ھەمدە بالېنىستا نەزەربەنت قىلىندى.   تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!