ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىستانبول شەھىرىنىڭ مەركىزىدە ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى

2011-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-نويابر خەۋىرى: ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىستانبول شەھىرىنىڭ مەركىزىدە 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم يارىدار بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سالاھىيىتى نامەلۇم بىر ئەر ئىستانب
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-نويابر خەۋىرى: ئەنگىلىيە BBC تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئىستانبول شەھىرىنىڭ مەركىزىدە 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم يارىدار بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، سالاھىيىتى نامەلۇم بىر ئەر ئىستانبول شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ساياھەتچىلەر توپلاشقان كۆك مەسچىت يېنىدا ئوق چىقىرىپ ئىككى ئادەمنى يارىدار قىلغان. تۈركىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېيىشىچە، قوراللىق كىشىنىڭ مەقسىتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. قوراللىق كىشى ساقچىلار بىلەن ئېتىشىپ ئۆلگەن. تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىدرىس نائىمنىڭ دېيىشىچە، قوراللىق كىشى لىۋىيەلىك ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا كېلىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزغان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!