ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بىدېن تۈركىيەنىڭ سۇرىيەگە تۇتقان قاتتىق مەيدانىنى ماختىدى

2011-يىلى12-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى تورىنىڭ 2-دېكابر خەۋىرى: سۇرىيە مەسىلىسىدە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ جازالىشى ئامېرىكىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئامېرىكا سۇرىيە پىرىزدېنتىنىڭ تەختتىن چۈشۈپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشنى يەنە دەۋەت قىل
  

 

يەر شارى تورىنىڭ 2-دېكابر خەۋىرى: سۇرىيە مەسىلىسىدە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ جازالىشى ئامېرىكىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. ئامېرىكا سۇرىيە پىرىزدېنتىنىڭ تەختتىن چۈشۈپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشنى يەنە دەۋەت قىلدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرىزدېنتى بىدېن تۈركىيە «ھۆرىيەت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا:«ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانى ناھايىتى ئېنىق. سۇرىيە ھۆكۈمىتى ئاممىنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىنى چوقۇم توختىتىشى كېرەك، پىرىزدېنت بەشىر ئاساد چوقۇم تەختتىن چۈشۈشى كېرەك، بىرلا ۋاقىتتا يەرلىك ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلغان ئۆتكۈنچى مەزگىل باشلىشىنى كېرەك. سۇرىيەنىڭ مۇقىملىقى ناھايىتى مۇقىم. بۇ دەل بىزنىڭ سۇرىيەنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى. ھازىر ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇقىم ئەمەس» دېگەن. بۇنىڭدىن سىرت، بىدېن يەنە ش ئا ئە ت نىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيەنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ماختىغان. بىدېن:«سۇرىيە مەسىلىسىدە، تۈركىيە ھەقىقىي رەھبەر. سۇرىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى باستۇردى، مەن باش مىنىستىرى ئەردوغاننىڭ يېقىندا بەشىر ئاسادنى تەختتىن چۈشۈشكە دەۋەت قىلغانلىقىنى مەدھىيلەيمەن. تۈركىيە رەھبەرلىرى يەنە باشقا دۆلەتلەرنى سۇرىيە ئاممىسىنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى» دېگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىدېن ئىراقتىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بىۋاستە ئۇچۇپ تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە بارغان. دەسلەپكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزدېنتى بىدېن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا باشلىغان ھەمدە 12-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان، ئىككى تەرەپنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتى ۋە ئىران يادرو مەسىلىسىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!