خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 3-دېكابر خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېرما دېموكراتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ئاڭ سەن سۇكىيى كۆرۈشكەن ھەمدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. سۆھبەتتىن كېيىن ئىككىسى قول تۇتۇشۇپ بېرمىنىڭ دېموكراتىيەلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا قەسەم قىلىشقان. ھىلارى ئاڭ سەن سۇكىيىنىڭ تۇرالغۇسىدا ئاڭ سەن سۇكىيى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىككىسى ئوخشاش كۆك رەڭلىك كىيىم كىيىشكەن، ھىلارى يەنە ئاڭ سەن سۇكىيى ئۆزى لاھىيىلىگەن زەنجىرنى ئېسىۋالغان. بۇ ئىككى داڭلىق سىياسىي ئەربابنىڭ ئىككى كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشىشى ئىكەن. ئىككىسى 1-دېكابر كەچ ئامېرىكىنىڭ بېرمىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا بىرلىكتە كەچلىك غىزالانغان، ئوخشاش ئاق كىيىم كىيىشكەن. ئاڭ سەن سۇكىيى ھىلارى بىلەن پىرىزدېنت ئوبامانىڭ ئېھتىياتچان ۋە مۇۋاپىق ھالدا بېرما ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى پەندىنپەي ياخشىلىغانلىقىغا رەخمەت ئېيتقان. ئاڭ سەن سۇكىيى:«ئەگەر بىز بىرلىكتە ئىلگىرلىسەك، دېموكراتىيە يولىدا كەينىگە چېكىنىش كۆرۈلمەيدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسەتكىنى ئۆزى رەھبەرلىكىدىكى مەملىكەتلىك دېموكراتلار ئىتتىپاقى، بېرما ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ۋە جۇڭگولار ئىكەن. ئاڭ سەن سۇكىيى:«بىز تېخى بۇ يولغا قەدەم باسمىدۇق، ئەمما مەن دوستلارنىڭ چۈشۈنىشى ۋە يۆلىشى ئاستىدا، بۇ يالغا تېزراق قەدەم بېسىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.
ھىلارى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوبامانىڭ بىر پارچە خېتىنى ئاڭ سەن سۇكىيىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئوباما ئاڭ سەن سۇكىيىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى ئىلھاملاندۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتقان. ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئاڭ سەن سۇكىيىنى مەڭگۈ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھىلارى ئاڭ سەن سۇكىيىنىڭ دېموكراتىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى مەدھىيلىگەن ۋە قوللىغان، ھىلارىنىڭ ئېرى كىلىنتون بىلەن ئاڭ سەن سۇكىيى ئوخشاش مەزگىلدە ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتىتىدا ئوقۇغان، ھىلارى ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئىلگىرىلا بېرما دېموكراتىيىسىنىڭ سىمۋولى بولغان ئاڭ سەن سۇكىيى بىلەن كۆرۈشكىسى بارلىقىنى ئېيتقان. ھىلارى ئاڭ سەن سۇكىيىغا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھىلارى:«بىز ئاڭ سەن سۇكىيىنىڭ مۇستەبت ھاكىمىيەت ئالدىدىكى قورقۇمسىز روھىدىن تەسىرلەندۇق، ئۇ دائىم نەزەربەنت قىلىنسىمۇ يەنىلا تەمكىنلىكىنى ساقلاپ كەلدى، كىشىنىڭ قەلبىنى ئەڭ لەززىگە سالىدىغىنى، ئاڭ سەن سۇكىيى دۆلىتى، قېرىنداشلىرىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتا قىلدى» دېگەن. ئىككىسى كۆرۈشكەندىن كېيىن بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئىجىل بولۇپ كەتكەن. (نەپرەت)