بولدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-دېكابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوغلاپ تاشلاش ۋاقتىنىڭ ئاخىرقى چېكى كىلىپ قالغانلىقتىن، ئىراننىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق دېپلوماتىيە خادىملىرى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگىلىيەدىن كېتىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولغان. ئەنگىلىيە ئىران دېپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ چېگرىدىن ئايرىلىش ئەڭ ئاخىرقى چېكىنى شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ سائەت 8 گىچە) قىلىپ مۆھلەت بەرگەن. تېلېۋىزىيەدە تارقاتقان كۆرۈنۈشلەردە، گەرچە ئىراننىڭ ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بىر ئۆي كۆچۈش شېركىتىنىڭ ماشىنىسى توختىتىپ قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىراننىڭ دۆلەت بايرىقى ئەلچىخانىدا يەنىلا لەپىلدەپ تۇرغان. ئەنگىلىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى ۋېليام 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىران دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ 48 سائەت ئىچىدە چېگرىدىن ئايرىلىپ، ئەلچىخانىنى تاقاپ تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ ئەنگىلىيەنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنىڭ بىر قىسىمى. (نەپرەت) ئەنگىلىيە ئىراننىڭ بارلىق دېپلوماتىيە خادىملىرىنى قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى