خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 30-نويابر خەۋىرى: سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك گېنرالى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى دېيىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ پايتەخت موقدىشيۇدىكى گازارمىسى 30-نويابر ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 4 نەپەر ئەسكىرى ئۆلگەن، 4 نەپەر ئەسكىرى يارىدار بولغان. ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنرالى ئابدۇل قارىم يۇسۇف ئاداننىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىنىڭ گازارمىغا كىرىشىنى ئوڭۇشلۇق توسۇپ قالغان. سومالى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەندە، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى موقدىشيۇدىكى ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ باش شىتابىغا كىرمەكچى بولغان، ئەمما گازارمىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ قاراۋۇللىرى توسۇپ قالغان، ھۇجۇم قىلغۇچى بەدىنىگە تېڭىلغان بومبىنى پارتلاتقان. سومالى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى سومالى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچ ئەل-شاباب تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن. ھازىرغا قەدەر، ئەل-شاباب تەشكىلاتى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئەل-شاباب تەشكىلاتى موقدىشيۇدا كۆپلىگەن بومبا ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلغان. 10-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئەل-شاباب تەشكىلاتى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ئىشخانىسىغا يېقىن جايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى ماشىنا بومبا ھۇجۇمى قوزغاپ، 76 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى، 150 نەچچە ئادەمنىڭ يارىدار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (نەپرەت)