جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
مالى بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ 25-نويابىر تارقاتقان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۆت ياۋروپالىق شۇ كۈنى مالىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى توڭبۇتو رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن ئۆلتۈرۈلگەن. بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، قازا قىلغۇچى قوراللىق ئۇنسۇرغا تاقابىل تۇرۇۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەن. ھازىرغىچە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، تۇتقۇن قىلىنغۇچىلار ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر يوق.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!