ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىلارى بېرمىغا يېتىپ بېرىپ تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتىنى باشلىدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى تورىنىڭ 30-نويابر خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېرما پايتەختى نايپدۇغا يېتىپ بېرىپ، بېرمىغا قارىتا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتىنى باشلىغان. شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، ئامېرىكا دۆلەت كا
  

 

يەر شارى تورىنىڭ 30-نويابر خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى بېرما پايتەختى نايپدۇغا يېتىپ بېرىپ، بېرمىغا قارىتا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتىنى باشلىغان. شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى ھىلارى بېرمىدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. ھىلارى بېرما پايتەختى نايپىدۇ ۋە بۇرۇنقى پايتەختى يانگون قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىدىكەن، ھىلارىنىڭ سەپىرى ئاق ساراي بۇرۇن ئېلان قىلغان سەپىرىدىن بىر كۈن ئارتۇق بولغان. ھىلارى زىيارەت مەزگىلىدە بېرما پىرىزدېنتى زېين سېيىن ھەمدە بېرمىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئاق ساراي ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، بېرمىنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى زاتلار بىلەن كۆرۈشكەندىن سىرت، ھىلارى يەنە زىيارەت مەزگىلىدە بېرمىنىڭ نەچچە ئايدىن بۇيان يۈرگۈزگەن ئىسلاھاتى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىكەن، بېرمىنىڭ ھەل قىلغۇچ ساھەلىرىدە ئىسلاھاتنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرلەشلىرىنى مۇستەھكەملەيدىكەن. ئامېرىكا بۈگۈندىن باشلاپ بېرما بىلەن پىرىنسىپ بويىچە ئۇچرىشىش ۋە بىۋاستە سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئامېرىكا دۆلەت كاتىپىنىڭ 50 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بېرمىنى زىيارەت قىلىشىنى بولۇپ، بېرما پىرىزدېنتى زېيىن سېيىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا قاتتىق تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئامېرىكا پىرىزدېنتى ئوبامانىڭ ھىلارىنىڭ سۆھبىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېرمىنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىغان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!