جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئالىي كومىتېتى يىغىنى تۈنۈگۈن موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋىدېۋ بىلەن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لوكاشىنكو يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن كېيىن ئىككى دۆلەت تۈرلۈك ئىقتىساد ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى مۇناسىۋىتى ئەڭ يېقىن ئىككى دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت 1999-يىلى رۇسىيە-بېلارۇسىيە دۆلەتلەر ئىتتىپاقى شەرتنامىسىنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، مەركۇز شەرتنامە 2001-يىلى يانۋاردا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامىدە ئىككى تەرەپ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە فېدراتسىيە دۆلىتى بولۇپ، ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش بەلگىلەنگەن.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!